تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

دۆلەت تىنچ، ئەل ئامان

  كاتتا چاغاندا ھەممە ئائىلە جەم بولدى. ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى، تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن خۇشال-خۇرام جەم بولۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايان قىلىپ، بەختلىك چاغلاردىن ھەمبەھرىلىنىپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. دۆلەت مىليونلىغان ئائىلىدىن تەركىب تاپىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مىننەتدارلىق قەلبى ۋە ئائىلە دۆلەت مېھىر-مۇھەببىتى ئىشىكلەرگە چاپلانغان چۈنليەنلەردە، چاغاننى مۇبارەكلەپ يوللانغان ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىدا، بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرىدا، تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ھەمدە مەدەنىيەت پائالىيەت مەيدانلىرىدا، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىدە ئىپادىلەندى...

  «ھازىر، كەنتىمىزنىڭ مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى، بەزىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى، تاپىدىغان پۇلى بار بولدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى چېن لاۋچى كەنتىدىكى بىر تېز تاماقخانىدا مالاتاڭ قازىنىغا خۇرۇچ سېلىۋاتقان نۇربىيە ئەمەر. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، نۇربىيە تېز تاماقخانا ئاچتى، سودىسى ناھايىتى ئاقتى. يېڭى يىلدا نۇربىيەنىڭ بىر پىلانى بار، يەنى، تېز تاماقخانىنى «تەشۋىقات سەھنىسى»گە ئايلاندۇرۇپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، يۇرتداشلارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت.

  بۇ يىل چاغاندا، چېڭ فۇشېڭنىڭ نامىنى ئاڭلىغان خېلى كۆپ كىشى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جاكۇچى نېرۇ يېزىسىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، «كىچىك ئاق تېرەك»نىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىدى. چېڭ فۇشېڭ «كىچىك ئاق تېرەك» دېگەن ناخشىدا تەسۋىرلەنگەن ئەينى يىلىدىكى كىچىك ئاق تېرەكنى تىككۈچى. 1982-يىلى جۇڭگو-قازاقىستان چېگراسىدىكى تاستى قاراۋۇلخانىسىدا ئەسكەر بولغان چېڭ فۇشېڭ ئۆيىگە تۇغقان يوقلاپ قايتقان، ئاپىسى قاراۋۇلخانا مۇھىتىنىڭ ناچارلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئون تۈپ تېرەك كۆچىتى ئېلىپ كېتىپ قاراۋۇلخانىغا تىكىشنى ئېيتقان، ئەڭ ئاخىرىدا گەرچە بىر تۈپلا كۆچەت ئەي بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كەڭ تارقالغان بىر ناخشىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. چېڭ فۇشېڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن نەپ ئالغان يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، «كىچىك ئاق تېرەك روھى»غا ۋارىسلىق قىلىشقا ئىرادە باغلىغان. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، چېڭ فۇشېڭ ئائىلىسى كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنىڭ شەكلىدە ئۆي سالغان. «يېزىمىز <كىچىك ئاق تېرەك> يۇرتى چېگرانى قوغداش مەدەنىيەت كۆرگەزمىخانىسى سېلىۋاتىدۇ، چاغان مەزگىلىدە ئىسمېنا قوشۇپ قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ» دېدى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى چېڭ فۇشېڭ مۇخبىرغا.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئاۋات بازىرى خېبىن مەھەللىسىدە، يۇرتىغا قايتقان بىرقانچە داشۆ ئوقۇغۇچىسى بالىلارنى باشلاپ رەسىم سىزىش، قىزىل ناخشا ئۆگىنىش، ئورۇندۇق تالىشىش ئويۇنى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى. «بىز مەھەللىدە <قىزىل گالىستۇك> كىچىك دەرسخانىسى ئېچىپ، بالىلارنىڭ دەرس تولۇقلىشىغا ياردەم بەردۇق، بۇ ئارقىلىق ھەم ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتناشتۇق، ھەم پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتۇق. بىز ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ۋەتەنگە ۋە يۇرتىمىز خەلقىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى ما جياڭشيا.

  ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيلەر، زامانىۋى ئۆي جاھازىلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى... 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىجىر بازىرى تۈنجۇاڭزى كەنتىنىڭ ئاھالىسى ماۋ تيەنخۇ ئۆيىدە مېھمان كۈتۈۋاتاتتى، چىرايىدا باشتىن-ئاخىر بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى كېسەك ئۆيدىن ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ماۋ تيەنخۇنىڭ خوتۇنى چېن پىڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم، كۆڭلۈم خۇشال، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى. مەن دائىم بالىلىرىمغا، ھەرقانداق ۋاقىتتا پارتىيەگە ۋە دۆلەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭلار دەپ تەربىيە قىلىمەن».

  بۇ بىرقانچە كۈندە، شىنجاڭ ساياھەت تاكسى ئاپتوموبىلى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇمەۋلان ئىلىبىك قاتارلىقلار ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئابدۇمەۋلاننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، ئۇ ۋە سىرتتىن كەلگەن نۇرغۇن ياش ئۈرۈمچىدە ماكانلىشىپ ئىگىلىك تىكلەپتۇ. شۇڭا، ئۇلار ھەر يىلى چاغاندا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، دۆلەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈۋېتىپتۇ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇۋېتىپتۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، جاڭ رۈيلىن، گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى چېن مېي، ئايجان يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى