تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

  مۇخبىرىمىز يۈ جى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچقۇرۇن، كورلىدىكى مۇز قاتقان كۆنچى دەرياسى يۈزىدە ساياھەتچىلەر كۆڭۈل ئېچىپ چاغانلىق دەم ئېلىشىدىن ھۇزۇر ئالدى.

  خۇبېيلىق ساياھەتچى جاڭ فاڭيەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ چاغان ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ: «ئوغلۇم كورلىدا خىزمەت قىلىدۇ، بۇ يىل ئايالىم ئىككىمىز ئوغلۇمنىڭ ئۆيىگە چاغان ئۆتكۈزگىلى كەلدۇق، كەچقۇرۇندا مۇز تۇتقان كۆنچى دەرياسى بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەن، بۇنداق مەنزىرىنى جەنۇبىي جۇڭگودا ئۇچرىتالمايمىز. بالىلارنىڭ مۇز ئۈستىدە ناھايىتى خۇشال ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىزمۇ خۇشال بولدۇق» دېدى.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شېخو كوچا ئويۇنى چاغاننى قىزىتىۋەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى