تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر نيەن لېي، ليۇ كەي، دۇگۇرجاپ): چاغان مەزگىلىدە، شىنجاڭ باغراش كۆلىدە قار-مۇز ساياھىتى قىزغىنلىقى ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تولىمۇ قىزىپ كەتتى، ئېسىل چاغانلىق قار-مۇز تۈرلىرى ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، شۇ كۈنى، باغراش كۆلى داخېكوۋ (شىخەي بېلىقچىلىق كەنتى) مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 12 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يەتكەن.
باغراش كۆلىدە، ساياھەتچىلەر قاردىن ھۇزۇرلىنىپ، قاردا ئويناپلا قالماي، يەنە ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى قار-مۇز تۈرلىرى ئارقىلىق قار-مۇزغا بولغان ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلىرىنى قالدۇرۇپ، قىش پەسلىنىڭ قىزىقارلىقلىقىنى ھەقىقىي ھىس قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى قار-مۇز «ئاق ئالتۇن كەسپى» نى چوڭقۇر قېزىپ، ئالاھىدە مەنزىرىلەر ۋە مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قىشلىق ساياھەتنىڭ يېڭى كۆرۈش نۇقتىلىرىنى ئېچىپ، يېيىش، تۇرۇش، سەپەر، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، ئازادە، مەنزىرىسى گۈزەل ساياھەت مۇھىتى تەمىنلەپ، قار-مۇزدىن پايدىلىنىپ تىرىشىپ بايلىق ياراتتى.