تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

ئائىلە ئىناق، كىشىلەر ئېجىل

  چاغان پۇرىقى ئېگىز ئېسىلغان چوڭ قىزىل پانۇسلاردا، چاغاننى مۇبارەكلەپ ئېيتىلغان سەمىمىي ھال سوراش سۆزلىرىدە، ئائىلىدىكى خۇشال كۈلكە-پاراڭلاردا، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى كېچىلىك جەم بولۇش تامىقىدا نامايان بولدى. پۈتۈن دۆلەت شاد-خۇراملىققا چۆمگەن، ھەممە ئائىلە جەم بولغان پەيتتە، ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، گۇۋاھچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەتەن بىلەن قۇرداش بولغان بىر توپ شىنجاڭلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قەلبى شادلىققا ۋە مىننەتدارلىققا تولدى.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جۇڭتەي گۇرۇھى» دېيىلىدۇ)نىڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى قاتىياق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 70 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئابدۇقادىر قاسىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ چاغاننى بىللە ئۆتكۈزدى.

  ئابدۇقادىر ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئاھالە بولۇپ، ئائىلىسىدىكى بەش جاننىڭ ئاران بىر مو تېرىلغۇ يېرى بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە كۈنى يىلدىن-يىلغا ياخشىلاندى.

  «2018-يىلى 4-ئايدا، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم جۇڭتەي گۇرۇھىغا قوبۇل قىلىنىپ ئىشقا چۈشتى، ئائىلە كىرىمىمىز كۆپىيىپ، شۇ يىلىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق». ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: «بىز ئەمىن ئۆيدە تۇرۇۋاتىمىز، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىز بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ياخشى قەدىرلەپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز».

  بۇ چاغاندا، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ سەندوخوزا بازىرى چۆچەك يولى مەھەللىسىدىكى ئاھالە، 70 ياشلىق پارتىيە ئەزاسى ۋاڭ شيۇفاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چاغان پۇرىقى تېخىمۇ قويۇق، ھېسسىيات تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. «40 يىلنىڭ ئالدىدا، چاغاندا ئۈستەلدە بىر-ئىككى خىل ياخشىراق قورۇما بولسىلا ناھايىتى رازى بولاتتۇق. بۇ يىل، بىزنىڭ ئائىلىمىز چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى ئۈچۈن 18 خىل قورۇما تەييارلىدۇق، گۆشلۈك، گۆشسىز قورۇمىنى ماسلاشتۇردۇق، ساغلام ھەم قۇۋۋەتلىك» دېدى 70 ياشقا كىرگەن ۋاڭ شيۇفاڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 20دە، ئۈستەلگە تىزىلغان مول جەم بولۇش تامىقىنى كۆرۈپ ھاياجان بىلەن.

  ۋاڭ شيۇفاڭنىڭ ئۈچ قىزى، بىر ئوغلى بار، ئوغۇل-قىز نەۋرىلىرىنى قوشقاندا، بىر ئائىلىدىكى ئون نەچچە كىشىنىڭ ئادەتتە جەم بولمىقى تەس، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى كېچىلىك جەم بولۇش تامىقى ئۇ ئەڭ خۇشال بولىدىغان پەيتكە ئايلاندى.

  «مەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغۋار نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمەن، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغانلارنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ياشانغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلارنىڭ خۇشاللىقى بولۇشتەك كۆڭۈللۈك، بەختلىك بولغان ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدىكى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولماقتىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيەگە رەھمەت!» ۋاڭ شيۇفاڭ مۇنداق دېدى: «پەقەت ھەربىر كىچىك ئائىلە ئىناق بولسا، ئاندىن چوڭ ئائىلە ئىناق، ئىتتىپاق بولىدۇ».

  2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) تۇڭخې شىڭفۇچېڭدا ئولتۇرۇشلۇق مويچىن مۆمىن بوۋاي ھەمراھى، قىزى، ئوغۇل-قىز نەۋرىلىرىنى ئېلىپ، ئالدىن زاكاز قىلىپ قويغان مېھمانسارايغا بېرىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش تامىقى يېدى.

  70 ياشلىق مويچىن بوۋاينىڭ مەڭزى قىزارغان، رەتلىك كىيىنگەن بولۇپ، تېتىك كۆرۈنەتتى. چاغان كېلىشى بىلەن، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر جەم بولۇپ، بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى ئەتراپىغا يىغىلغاچقا، بوۋاينىڭ كەيپىياتى بۆلەكچە ياخشى ئىدى. بوۋاي بىردەم كىچىكلەرگە پېچىنە-پىرەنىك بەرسە، بىردەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشەتتى، كۈلكە-پاراڭلار ئۈزۈلمەيتتى.

  «ئائىلە ئىناق بولسا ھەممە ئىش گۈللىنىدۇ، چاغاندا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشال- خۇرام، تىنچ-ئامان بىللە بولۇشىنىڭ ئۆزى بەخت» دېدى مويچىن بوۋاي.

  ئوخشاش بىر پەيتتە، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى يوڭجىخۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى تىلىۋالدى مامۇرباينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جياۋزى تۈگۈپ، ساڭزا سېلىپ، گۆش پىشۇرۇپ، ئۈچ ئەۋلاد كىشىلىرى بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يېدى.

  «مەن يوڭجىخۇ كەنتىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدە ئائىلىمىزدىكىلەر گەمىدە تۇراتتۇق، ئۆيدە قۇرت ناھايىتى كۆپ ئىدى، ماڭىدىغىنىمىز توپا يول، ئىچىدىغىنىمىز ئۆستەڭ سۈيى ئىدى، سۇ شورلۇق بولغاچقا، دائىم قورسىقىمىز كۆپۈپ قالاتتى. بالىلىرىم، سىلەر بىلەمسىلەر؟ ھازىرقى كۈنلىرىمىز ھەقىقەتەن تولىمۇ بەختلىك. كەنتتە يېزا ئىگىلىكى ئاللىقاچان ماشىنىلاشتى، ئون مو يەرنى ئاغدۇرۇش، تېرىشنى بىر سائەتكە قالمايلا تۈگەتكىلى بولىدۇ. قاراڭلار بىز تۇرۇۋاتقان ئەمىن ئۆيگە، شەھەردىكى بىنا ئۆيلەرنىڭ شارائىتىدىن قېلىشمايدۇ». چوڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى، 44 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە تىلىۋالدى بۇرۇنقى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.

  70 ياشلىق تىلىۋالدى پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى كەنتنىڭ بوغالتىرى ئىدى، ئۇ باشتىن-ئاخىر كەنتنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنىدى. «ھازىر يەتتە بالامنىڭ ئىككىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى، مېنىڭ بىر ئوغۇل نەۋرەم، ئىككى قىز نەۋرەم داشۆ ئوقۇغۇچىسى». تىلىۋالدى مۇنداق دېدى: «مەن دائىم ئوغۇل- قىز نەۋرىلىرىمگە ياخشى ئوقۇپ، كېيىن قايتىپ كېلىپ يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرۈڭلار دەيمەن».

  ئائىلە ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەتتە مىليونلىغان ئائىلە بولىدۇ. ئابدۇقادىر يېڭى يىلدا تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلدى؛ ۋاڭ شيۇفاڭنىڭ ئوغۇل نەۋرىسىگە قىلغان سەمىمىي ۋە تەسىرلىك سۆزلىرى پوجاڭزىنىڭ ئاۋازىغا سىڭىشىپ كەتتى؛ مويچىن يان تېلېفونىدىكى سۈرەتلەرنى رەتلەپ، دوستلار چەمبىرىكىدە يېڭى يىلدىكى تۇنجى ئۇچۇرنى يوللاپ، بەختىنى نامايان قىلدى؛ بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قاراپ، تىلىۋالدى كۆز ئالدىدىكى بۇ ئەڭ قىممەتلىك جەم بولۇشتىن چەكسىز بەخت ھېس قىلدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات، چېڭ يۆ يۆ، جاڭ چېنشۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى سەي يۇڭجيې، چى يۆچياڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى