تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چاغانلىق خۇڭباۋغا چوڭقۇر مۇھەببەت سىڭگەن

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې لىڭ

     «چاغان بولدى، سىز ۋە سىڭلىڭىز ھەر بىرىڭلارغا بىردىن خۇڭباۋ ئەۋەتتىم، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇڭلار.»

   2-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر، چاغاننىڭ 2-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسى ئاقتۇ بازىرىنىڭ قايچا ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق مەرسىيەگۈل زىياۋۇدۇن بىلەن سىڭلىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئۇرايىم تاشمەمەت ئەۋەتكەن يېڭى يىللىق خۇڭباۋنى تاپشۇرۇۋالدى.

   «ئۇرايىم ئاكام ھەر يىلى چاغاندا بىزگە خۇڭباۋ ئەۋەتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ ئاكىمىزغا ئوخشايدۇ.» مەرسىيەگۈل يېڭى يىللىق خۇڭباۋنى ئېلىپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى. مەرسىيەگۈل ئاچا-ئۇكا ئۈچ بالا بولۇپ، ئۇ شەرقىي شىمالدا ئالىي مەكتەپتە، سىڭلىسى جياڭشى ئۆلكىسىدە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا، ئىنىسى ناھىيەدە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ئاچا-ئۇكا ئۈچەيلەنگە نىسبەتەن، ئۇرايىم ئۇلارنىڭ ئۆز ئاكىسىغا ئوخشاش بولۇپ، ھەر بىرەيلەننىڭ ئۇرايىمغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى تولۇپ تاشقانىدى.

   مەرسىيەگۈلنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، 2017-يىلىدىن باشلاپ، ئۇرايىم ئىزچىل بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ياردەم بېرىپ كېلىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ ھەر يىلى تەتىلدىكى بېرىش - كېلىش پويىز بېلىتى، سىڭلىسىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى ئۇرايىم ئاكىسى ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىپتۇ.

   «بۇ يىل، ئاكام يەنە مەن ۋە سىڭلىم ھەر بىرىمىزگە 6000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى. بۇلتۇر چاغاندا، ئاكام بىزگە خۇڭباۋ ئەۋەتكەن، بۇ يىل چاغاننىڭ ئالدىدا ئۇ يەنە بىزنى يوقلاپ كېلىپ، بىزگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئەكىلىپ بەردى، مەن بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم، مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، ئاكامنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېدى مەرسىيەگۈل.

    ئۇرايىم مەرسىيەگۈل ئاچا- ئۇكا ئۈچەيلەننىڭلا ئاكىسى بولۇپ قالماي، يەنە كەنت ئاھالىسى ئوسمان تۇرسۇننىڭ قەلبىدىكى چوڭ شەپقەتچى.

    چاغان مەزگىلىدە، ئوسمان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۇرايىم ئۆزىنىڭ مائاشىدىن 500 يۈەن چىقىرىپ ئوسمان بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن ھال سورىدى.

    ئۇرايىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئوسماننىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغانىدى، ئەمما 2017-يىلى 10-ئايدا ئوسمانغا قەنت سىيىش كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويۇلدى، ئەسلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە قايتا نامراتلىشىپ كەتتى.

    ئوسماننىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى دائىم ئۇرايىمنىڭ خىيالىدىن كەتمەيتتى. ئوسمان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئۇرايىم ھەر يىلى ھېيت- بايرامدا ئۇنىڭغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

    «چاغاننىڭ ئالدىدا، ئەترەت باشلىقى ئۇرايىم ئائىلىمىزگە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش ئەكىلىپ بەرگەنىدى، بۈگۈن يەنە ئائىلىمىزگە 500 يۈەن ھال سوراش پۇلى ئېلىپ كەپتۇ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلدى.» ئوسمان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرلىرىغا رەھمەت!»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى