
خەلق تورى خەۋىرى: دۈملىمە گۆش، كەپتەر كاۋىپى، سامسا، لوپنۇر بېلىق كاۋىپى، قېرىنغا ئوراپ پىشۇرۇلغان گۆش .... يەرلىك مەززىلىك تائاملار 2-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسىدا نامايان بولدى. شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى «بازار»دا قازانلىرىنى ئېسىپ توۋلاپ ساتقاندا، يىراق-يېقىندىن كەلگەن كىشىلەر كېلىپ ئېغىز تېگىپ، بازارنى ئاۋاتلاشتۇردى. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما جەم بولۇپ، چاغانغا تېخىمۇ «تەم» قوشتى. (پاڭ بو، لى فېي)


