تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانا ئۆلچىمىدىكى «باشلامچى»لار تۈزۈمى، شەھەرلەردىكى قارا سېسىق سۇنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك. كارخانا ئۆلچىمىدىكى «باشلامچى»لار مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ئۆلچىمىنىڭ يادرولۇق كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدىغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. كارخانا ئۆلچىمىدىكى «باشلامچى»لار تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىشتا، كارخانا مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئۆزى بايانات ئېلان قىلىپ ئاشكارىلاشنى ئاساس قىلىپ، ئېھتىياج يۆنىلىشى، ئاشكارا، ئادىل بولۇش، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش، كارخانا سۇبيېكت بولۇش، قېلىپلاشتۇرۇپ يېتەكلەشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 2020- يىلىغا بارغاندا، كارخانا ئۆلچىمىدە ئۆزى بايانات ئېلان قىلىپ ئاشكارىلاش، كارخانىنىڭ ئاشكارىلاش ئۆلچىمى دۆلەت ئۆلچىمىدىن قاتتىق بولۇش، كەسىپ ئۆلچىمىنىڭ نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىدە، رايون خاسلىقىغا ئىگە ئىستېمال بۇيۇملىرى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېتەكلەش رولىغا ئىگە بىر تۈركۈم كارخانا ئۆلچىمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ، خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرىدىغان ۋە بازار رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر نەچچە «باشلامچى»لار ئۆلچىمى يېتىلدۈرۈلىدۇ.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىز شەھەرلىرىدىكى قارا سېسىق سۇنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەش يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتىكى كونكرېت خىزمەت. شەھەرلەرنىڭ مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مەنبەدىن بۇلغىنىشنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق، ياخشى تۇتۇپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ مۇھىت ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تېز تولۇقلاپ، ئالدىنى ئالىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «سۇلىرى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، مەنزىرىسى گۈزەل» بولغان شەھەر تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قارا سېسىق سۇنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەش نەتىجىسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن شەھەرلەر باسقۇچ ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ قارا سېسىق سۇنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شېخو كوچا ئويۇنى چاغاننى قىزىتىۋەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى