تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مېھىر- مۇھەببەت يەتكۈزۈپ، قەلبلەرنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرۈش

    كاتتا چاغاندا، شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەر مىللەت ئاممىغا مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق «كاتتا سوۋغات»لارنى يەتكۈزدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى. گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى زىيارەت قىلىپ يىغىپ، كىشىلەرنى باھار شامىلىغا چۆمدۈردى.

    شادىيانە ياڭگىر ئۇسسۇلى، ياڭراق دۇمباق ساداسى، ھەيۋەتلىك ئەركەك شىر، ئۇچقاندەك ئۆرلەۋاتقان چوڭ ئەجدىھا... 2- ئاينىڭ 5- كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە بىرىنچى ئاينىڭ تۇنجى كۈنى، شېخو كوچا ئويۇنى، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويۇنلىرى ماناس ناھىيەسى فېڭمىڭخۇ مەيدانىنى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.

    شۇ كۈنى، ماناس بازىرى ۋەكىللەر ئەترىتى، لياڭجۇخۇ بازىرى ۋەكىللەر ئەترىتىنىڭ 400دىن ئارتۇق ئەترەت ئەزاسى فېڭمىڭخۇ مەيدانىدا ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئوينىدى، شىر ئويۇنى ئوينىدى، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينىدى، ئۆي قېيىق ئويۇنى ئوينىدى. ياڭراق دۇمباق ساداسى يېڭى دەۋرگە مەدھىيە ياڭراتتى. شادىيانە ياڭگىر ئۇسسۇلى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى سۈرەتلەپ بەردى.

    «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە بىز دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى باياشاتلىققا تولدى، كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاندى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن خۇشال» دېدى ماناس ناھىيەسى لياڭجۇخۇ بازىرى تەيياڭمياۋ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى خەيفېن خۇشال ھالدا.

    2- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، غۇلجا شەھىرىنىڭ جىنلىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «شېئىرىي تۇيغۇدىكى ئىلى» فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى كۆپلىگەن كىشىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. قىشتىن باھارغىچە، دەريا ۋادىسىدىن ئېگىز تاغقىچە، تۇلپاردىن شۇڭقارغىچە، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ گۈزەللىكى ھەربىر پارچە سۈرەتتە ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۈرەتلەنگەنىدى.

    چاغان مەزگىلىدە، غۇلجا شەھىرى كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مەدەنىيەت «كاتتا سوۋغات»ى يەتكۈزدى. جىنلىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇم قاتما رەسىم كۆرگەزمىسىدە شىمالىي شىنجاڭ يايلاقلىرىنىڭ بىپايانلىقى، جەنۇبىي شىنجاڭ قۇملۇقلىرىنىڭ چەكسىزلىكى ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مول، رەڭدار تۇرمۇشىنىڭ ھەممىسى ھەربىر پارچە قۇم دانچىلىرى بىلەن چاپلاپ چىقىلغان «رەسىم»دە ئەكس ئەتتى.

    غۇلجا شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالىسى رەنا ئەركىن توغراقنىڭ ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىنغان بىر پارچە ئېسىل قۇم قاتما رەسىمنى تەپسىلىي كۆرۈۋاتاتتى. «چاغان مەزگىلىدە قۇم قاتما رەسىم كۆرگەزمىسىدىن ھۇزۇرلىنالىغانلىقىم، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى ھېس قىلالىغانلىقىمدىن ھەقىقەتەن ئىنتايىن خۇش بولدۇم» دېدى رەنا.

    گۇچۇڭ ناھىيەسىدە، «يېڭى جۇڭگونى ھۆرمەت بىلەن مەدھىيەلەش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» باش تېما قىلىنغان چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى كادىرلار، ئاممىنى بىر مەيدان مەدەنىيەت ئوزۇقىدىن بەھرىمەن قىلدى. نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، كىشىلەر بەس- بەستە يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتتى ھەم دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ، تۇغقانلىرى، دوستلىرى بىلەن مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

    پانۇس ئېسىش، چۈنليەن چاپلاش، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش... چاغان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى يېزا، كەنت، مەھەللىلەردە، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە تۈرلۈك بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، چاغانلىق سالىمىنى يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى، قويۇق «چاغان پۇرىقى» تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا تولۇپ تاشتى.

   2- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى قاغا چاشتى كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى.

    «بىز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ھەمدە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى بىللە جياۋزى تۈگۈپ، چاغان ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى بىللە تەبرىكلىدۇق». ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار بازىرى قاغا چاشتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى ۋېي شىنلياڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىلەن ئالدىراش جياۋزى تۈگۈۋاتاتتى. كەينى- كەينىدىن يېتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ئوچۇق رەڭدىكى سەھنە كىيىملىرىنى كىيىشكەن بولۇپ، خۇشال- خۇرام ھالدا كۈلكە- چاقچاق قىلىشىۋاتاتتى. قاينام- تاشقىنلىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.

   2- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 292 مىڭدىن ئارتۇق كادىر (بۇنىڭ ئىچىدە نازىر دەرىجىلىكتىن 695 نەپەر) خىزمەت ئەترەتلىرى تۇرۇشلۇق ھەرقايسى كەنت نۇقتىلىرىغا بېرىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىدىن ھال سوراپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە چاغاننى خۇشال ئۆتكۈزدى؛ جەمئىي 1 مىليون 24 مىڭ ئائىلىلىك ھەر مىللەت ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، 23 مىڭ 200 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزدى.

    (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ليۇ دۇڭلەي، گې يوۋجۈن، جاڭ رۈيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئەن تاۋ، لۇ كەي يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى