تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈللەنگەن دەۋردە ناخشا ياڭرىتىپ چاغاننى كۈتۈۋېلىش، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن يېڭى دەۋر ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا چاغانلىق كېچىلىك قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

    چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىسى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2019- يىللىق چاغانلىق كېچىلىكى كىشىلەرنىڭ تەشنالىقى ئىچىدە كۆرسىتىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما چاغانلىق كېچىلىكنى بەس- بەستە كۆرۈپ، كاتتا چاغاننى ئورتاق كۈتۈۋالدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېچىلىك كۆپ خىللاشقان نومۇر شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر جەم بولغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىسىنى نامايان قىلدى ھەم گۈزەل يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش ئارقىلىق «ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى»لەرنىڭ گۈزەل ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ كۈچنى ۋە ئائىلە دۆلەتكە بولغان قويۇق مۇھەببەتنى يەتكۈزدى.

ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز

كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى

    2- ئاينىڭ 4- كۈنى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى چوڭ- كىچىك كوچىلار قويۇق چاغان پۇرىقىغا تولغانىدى. بوفېڭ گۈللۈكى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ كەيبىن ئائىلىسىدىكىلەر چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرۈۋاتاتتى. 82 ياشلىق ۋاڭ كەيبىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: دەۋر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، چاغانلىق كېچىلىك ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئۆزگەرمىگىنى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى دەل ۋاقتىدا كۈتىدىغان ئاشۇ ئىللىقلىق ۋە جەم بولۇش. بوۋاي مۇنداق قارىدى: «جۇڭگودىكى خۇشاللىق» دېگەن ناخشىدا جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدىكى شاد- خۇراملىق ئېيتىلىپتۇ؛ «مەن كۈرەش قىلىمەن، مەن بەختلىك» دېگەن ناخشىدا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى دەۋردە، كىشىلەر مەردانە چوڭ قەدەم تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان ھەيۋەتلىك مەنزىرە تەسۋىرلىنىپتۇ؛ «ساڭا ئويۇن قويۇپ بېرەي» دېگەن ئېتۇتتا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن ئىبارەت ناچار ئىستىل قامچىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرى نامايان قىلىنىپتۇ... بوۋاينىڭ نەزەرىدە، بىر- بىرىدىن ئېسىل نومۇرلار ئورۇنلانغان دەقىقىلەردە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئىپادىلەنگەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشكە بولغان قەتئىي ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن.

    «بىزنىڭ يۇرتىمىز، ئۈمىدلىك دالىدا...» 2- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، تونۇش مېلودىيەنى ئاڭلىغاچ، گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى باشتېرەك كەنتىدىكى نامرات ئاھالە بۈمەريەم ئابدۇقادىر ئىختىيارسىز ئەگىشىپ ئېيتىشقا باشلىدى.

    بۇلتۇر، بۈمەريەم دەسلىپىدە توكسىكلىتتىن يىقىلىپ يارىلانغان، كېيىن يەنە بەختكە قارشى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان. بۇ ئائىلە ئەسلىدىلا نامرات بولۇپ، بۇ ئىككى قېتىملىق تاسادىپىي كېلىشمەسلىك بۇ ئائىلىنى تېخىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، دەل ۋاقتىدا ھال سوراش پۇلى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى. مۇجى بازارلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يەنە ئۇنىڭ قىزىنى ئەنخۈيدە ئىشلەشكە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى مۇقىم كىرىم مەنبەسىگە ئىگە قىلدى. بۈمەريەم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت، بىز پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز».

جۇڭخۇا مەدەنىيىتى سېھرىي كۈچى چەكسىز

    چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق چىنچياڭ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ ۋېنكې ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پۈتۈن كېچىلىك خۇشال كەيپىيات، شاد- خۇرام، ئىناق رىتىمدا بوپتۇ، نۇرغۇن ئىجادىي ئامىللار بار ئىكەن. بولۇپمۇ جىڭجۈ تىياتىرى، يۈيجۈ تىياتىرى، يۆجۈ تىياتىرى قاتارلىق ھەرقايسى تىياتىر تۈرلىرى تولۇق ئورۇنلىنىپ، بىزگە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچى ۋە دەۋر خىسلىتىنى تولۇق ھېس قىلدۇردى.

    ۋاڭ ۋېنكې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، دۆلەت جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق قومۇل شەھىرى چىنچياڭ تىياتىرى ئۆمىكىنى تەشكىللەپ قۇرۇپلا قالماي، زور بىر تۈركۈم چىنچياڭ ھەۋەسكارلىرىنى يېتىشتۈردى، يەنە ھەرقايسى يېزا- بازار ۋە كەنتلەرگە بېرىپ، 700 نەچچە مەيدان ئويۇن قويدى، بۇنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. «2019- يىلى، بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىنى چىنچياڭ سەنئىتىنى ئۆگىنىشكە جەلپ قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا يېڭى تۆھپە قوشماقچى بولۇۋاتىمىز» دېدى ۋاڭ ۋېنكې.

    ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى شا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ چاغانلىق جەم بولۇش تامىقىنى تەييارلاش ئۈچۈن بىر كۈن ئالدىراش ئۆتتى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تەخسە قورۇما ئۈستەلگە چىققاندا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق كېچىلىكىمۇ باشلاندى. «بالىلار بىر يىل ئالدىراش ئۆتۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى، كۆپچىلىك قىزغىن كەيپىياتتا تاماق يېگەچ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى. ئادەتتە مەن جىڭجۈ تىياتىرىنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ يىل مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نومۇر− تىياتىر <گۈزەل نەشپۈتزارلىق> بىلەن ئۇسسۇل <مەردانە قىياپەت>، بۇنىڭ ئىچىدە جىڭجۈ تىياتىرى، يۈيجۈ تىياتىرى، يۆجۈ تىياتىرى، خۇاڭمېي تىياتىرى قاتارلىقلاردىن ئارىيە نۆۋەت بىلەن كۆرسىتىلدى، يەنە ئۇسسۇل بىلەن تىياتىر ئىجادىي يۇغۇرۇلۇپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ دەۋر سېھرىي كۈچى نامايان قىلىندى» دېدى لى شا.

پۇقرالار سەھنىسى     ئاكتىپ كۈچكە تولدى

    كەچ سائەت 7دە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ تۈگۈرمىتى يېزىسى مەيدان كەنتىدە 19 ياشلىق قىرغىز قىز ئايدانە مەمەت جۈمە تاقىتى تاق بولغان ھالدا تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدا چاغانلىق كېچىلىكنىڭ باشلىنىشىنى ساقلاپ ئولتۇراتتى.

    باشلىنىش ئۇسسۇلى «باھار دېڭىزى»، ئۇسسۇل «شىرلارنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ چاغاننى تەبرىكلىشى»...ئايدانە ھەربىر نومۇرنى كۆڭۈل قويۇپ كۆرۈۋاتاتتى.

    «گۈللىنىش» ناملىق ئوق پويىز چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسىنىڭ دېكراتسىيەسىدە كۆرۈنگەندە، ئېتۇت «بېكەت» ئورۇنلىنىشقا باشلىدى. «مەن بۇ يىل چوقۇم ئوق پويىزغا مۇناسىۋەتلىك ئېتۇت ئوينىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، چۈنكى بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىپتىخارى». ئايدانە ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «يۇرتۇم مەيدان كەنتى چېگراغا يېقىن كەنت، 2010- يىلىدىن ئىلگىرى، كەنتتىن ئاتۇش شەھىرىگە بېرىشقا ئاپتوموبىل بىلەن ئۈچ- تۆت سائەت يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئازادە ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتىدۇ، يوللارمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىر سائەتتىلا شەھەر رايونىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. مەن يېقىن كەلگۈسىدە ئاتۇشتىن ئوق پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئۈرۈمچىگە بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مۇشۇنداق بولسا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ قولايلىشاتتى».

    كېچىلىكتە ئېسىل نومۇرلارنىڭ كەينى- كەينىدىن ئورۇنلىنىشى كېچىلىكنى ئەۋجىگە كۆتۈردى، جاڭ شا كۆرگەنسېرى كۆزىنى ئۈزەلمەيلا قالدى. جاڭ شا گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ پۇقرا تەشۋىقاتچىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: «چاغانلىق كېچىلىك بىر مەيدان ئېسىل نومۇرلارنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدىغان مەدەنىيەت ۋە كۆرۈش سېزىمى ئوزۇقى، نومۇرلار ئاممىغا ئىنتايىن يېقىنلاشتۇرۇلغان، ئاكتىپ كۈچكە تولغان بولۇپ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى چىن، ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرگەن. بىز يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز».

    (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گې يوۋجۈن، جاڭ يىڭچۈن، خې لىڭ، ليۇ جىڭ، ما لىڭيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز كۇڭ لىڭلىڭ، ئەن تاۋ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى