تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئورتاق جەم بولۇش، چاغاننى خۇشال- خۇرام تەبرىكلەپ ھەممە ئائىلە شادلىققا تولۇش

2- ئاينىڭ 4- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى شىداچياۋدا شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

    پانۇس ۋە لېنتىلار ئېسىلىپ، چاغان كۈتۈۋېلىندى، ھەممە جايدا شاد- خۇراملىق ئىچىدە كاتتا بايرام تەبرىكلەندى. چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، كىشىلەر تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قەلبىدىكى خۇشاللىقى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان بەخت تىلەكلىرىنى تولۇپ تاشقان ھېسسىيات بىلەن ئىپادىلىدى. شۇ كۈنى سەھەردىلا تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ئونمىڭلىغان كەنت ۋە مەھەللىلەردە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۆلەت بايرىقى ئاستىغا جەم بولۇپ، بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، چاغاننى ئورتاق كۈتۈۋالدى؛ قاراڭغۇ چۈشكەندە تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالى رەڭدار تۈسكە كىرىپ، چىراغلار ۋالىلداپ چاقنىدى. ئەنئەنىۋى گۈلخان ئويۇنى، مودا چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى بايرام كېچىسىدىكى ئاسماننى شېرىن خىيالىي تۈسكە كىرگۈزۈپ، بەختتىن كۈلگەن چىرايلارنى تېخىمۇ نۇرلاندۇردى.

    2- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەتىگەندە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى يار بېشى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى يېڭى كىيىملىرىنى كىيىشىپ، بالدۇرلا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسىغا يېتىپ كەلدى. سائەت 10دا، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى باشلاندى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى، لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى، رەتلىك سەپ، كۆز ئالدىدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر گەرچە ناھايىتى تونۇش بولسىمۇ، لېكىن كەنت ئاھالىسى روشەنگۈل سەمەت يەنىلا ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانلىنىپ كەتتى. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، روشەنگۈل مۇخبىرغا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە تۇغقانلاشقان كادىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئاز- تولا ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.

    شۇ كۈنى ئەتىگەندە، غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى كوچىسى مويكا مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسى ئىچىدە، 1000دىن ئارتۇق ئاھالە بۇ يەرگە تولۇق يىغىلىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە نۇرجامال ياسىن پاكىز، چىرايلىق كىيىنىپ، ئەتىگەندىلا يېتىپ كەلدى.

    نۇرجامالنىڭ ئېرىنىڭ كېسەل بولغىنىغا ئۇزاق بولغانىدى، بۇلتۇر ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مويكا مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇنىڭ ئېرى ناھايىتى ياخشى داۋالىنىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلاندى ھەم بىر كىشىلىك ئامانلىق قوغداش خىزمىتىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنىڭ كىچىك قىزى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى، خىزمەت ئەترىتى يەنە ياردەم قىلىپ ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ بەردى.

    بايراق چىقىرىش مۇراسىمى باشلانغاندا، نۇرجامال سەپنىڭ 1- رېتىدە تۇردى، جۇشقۇن مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ پارتىيەگە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىپادىلىدى.

    كەچ سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كۆزنى چاقنىتىدىغان بىر دەستە چىراغ نۇرى ئۈرۈمچى خۇڭسەن تېغى چوققىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، كېچە ئاسمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەھەرنى ۋالىلدىتىپ يورۇتۇۋەتتى.

    خۇڭسەن تېغىنىڭ چوققىسىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا، كىشى ئۆزىنى بەئەينى خىيالىي تۇيغۇدىكى ئوردىدا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. خىلمۇخىل شەكىلدىكى چاڭگا چىراغ، سۇ مەنزىرە چىرىغى، پەلەمپەي چىرىغى، نەقىشلىك سۈرەت چىرىغىنىڭ نۇرلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ يورۇتۇپ، خۇشاللىقنى بىلدۈرىدىغان قىزىل رەڭ، ئالىيجانابلىقنى بىلدۈرىدىغان سېرىق رەڭ، غايىنى بىلدۈرىدىغان كۆك رەڭ، ھاياتىي كۈچنى بىلدۈرىدىغان يېشىل رەڭ، سىرلىق تۇيغۇنى بىلدۈرىدىغان بىنەپشە رەڭ قاتارلىق رەڭلەر ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى، گاھ ئوچۇق، گاھ سۇس يېنىپ، بىرى پەسەيسە، بىرى كۆتۈرۈلۈپ، كۆل سۈيى، راۋاق- شىپاڭ قاتارلىقلارنى بىر قەۋەت سىرلىق، گۈزەل پەردىگە ئورىدى. شەمشەرسىمان مۇنار، نەنخۇ چىراغ مەنزىرىسى، قەدىمىي راۋاقتىكى رەڭگارەڭ نۇر، سۇپىدىكى خىيالىي تۇيغۇ، خۇڭسەن كۆزى قاتارلىق چىراغ نۇرلىرى ئۈنۈمىنىڭ ئەكس ئېتىشى ئاستىدا، خۇڭسەننىڭ باھاردا گۈللەر ئېچىلىدىغان، يازدا سۇدەك سالقىن بولىدىغان، كۈزدە يوپۇرماقلار ئوتقاش تۈسكە كىرىدىغان، قىشتا قارلار لەپىلدەپ تۇرغان رومانتىكىلىققا تولغان تۆت پەسىلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىر- بىرلەپ نامايان قىلىندى.

    چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن 68 ياشلىق فەن يۈمىن نەۋرىسىنى ئېلىپ، بالدۇرلا خۇڭسەن تاغقا چىقتى. بوۋاي نەۋرىسىگە مۇنداق دېدى: «كىچىك چېغىمدا، شىداچياۋ تېخى بىر ياغاچ كۆۋرۈك ئىدى، قارا، ھازىر قاتار- قاتار ئېگىز بىنالار، ئاپتوموبىللار تېز ئۆتۈشۈپ تۇرغان ساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ھەممىسى بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە گۇۋاھ. سەن ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭ كېرەك!»

    ئارقىدىن مۇخبىر ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كەلدى، بۇ يەردىمۇ ئاللىقاچان چىراغ نۇرلىرى چاقناپ كەتكەنىدى، «بەختلىك جۇڭگو يىلى» «يېڭى جۇڭگونى ھۆرمەت بىلەن مەدھىيەلەش» «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» دېگەن خەتلەر مەنزىرە كۆرۈش مۇنارىدا بىر- بىرىگە ئۇلىشىپ ئەكس ئەتمەكتە ئىدى. سىچۈەندىن شىنجاڭغا ئىشلەمچىلىككە كەلگەن جاڭ شياۋلياڭ بايىلا تارتقان گۈزەل سۈرەتنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، «مەن شىنجاڭدا كۆپ يىل خىزمەت قىلدىم، بۇ جاي ئاللىقاچان مېنىڭ يۇرتۇمغا ئايلاندى، مەن شىنجاڭنى سۆيىمەن!» دەپ يازدى.

    شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى، دوستلۇق تەۋەلىك رايونى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەۋەلىك رايونى... رەڭگارەڭ چىراغ نۇرىدىن ھاسىل بولغان يارقىن، گۈزەل مەنزىرىلەر، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۈرۈمچىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلماقتا ئىدى، شۇنداقلا بايرام مەزگىلىدە تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلماقتا ئىدى: دۆلەت تىنچ، ئەل ئامان بولسۇن، گۈللىنىپ قۇدرەت تاپسۇن!

    (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ چۈنخۇا، جاڭ جىلى، جەزىيرە نىسبەك، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ياڭ لېي، ئابدۇقادىر ئابباس يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى