تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى خۇڭسەن باغچىسى قىزىپ كەتتى

    مۇخبىرىمىز يۈ مىڭفەن فوتوسى، خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن باغچىسىدا گۈل سەيلىسى قىلىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى سائەت 11 دا، خۇڭسەن باغچىسىدىكى  ۋاراڭ-چۇرۇڭ، داقا-دۇمباق ئاۋازى بىلەن كوچا ئويۇنى باشلىنىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. سۇن ۋۇكۇڭ سىياقىدا ياسىنىۋالغان ئورۇنلىغۇچىنىڭ قىزىقچىلىقى چوڭلارنى، بالىلارنى قاتتىق خۇش قىلدى.
    شۇ كۈنى ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃15- بولسىمۇ، تاماشىبىنلار ياكى ئورۇنلىغۇچىلار قىزغىنلىقىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىدى، كۆپچىلىك كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى خۇشاللىقتىن بەھرىلەندى.

راھىلە ئازاد تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش