2- ئاينىڭ 4- كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، ساۋەن ناھىيەسى سەندوخوزا بازىرى ئۆسمۈرلەر يولى مەھەللىسىنىڭ 72 ياشلىق ئاھالىسى ئابلاجان تۇردى (ئالدىنقى رەت سولدىن تۆتىنچى كىشى) ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئائىلە ئوپچە سۈرىتىگە چۈشتى. ئابلاجان ئائىلىسى كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلە بولۇپ، خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتى قاتارلىق تۆت مىللەتتىن 19 كىشى بار. ئابلاجان: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلىغانلىقىغا رەھمەت» دېدى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى)