تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋاڭسەن كوچىسىدىكى چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىنى ئايلانغاندا، قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدى: كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىغا قىزىل پانۇسلار ئېسىلغان، ماگىزىن، دۇكانلارغا شادلىق تىلەكلىرى يېزىلغان چۈنليەنلەر، چوڭ يېزىلغان «بەخت» دېگەن خەتلەر، نەپىس دېرىزە قىيىق گۈللىرى چاپلانغان بولۇپ، خۇشال، ئىناق بايرام كەيپىياتىغا تولغانىدى.

  ۋاڭسەن كوچىسى بىر ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت كوچىسى، ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان بىر كوچا: چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تيەنجىنلىك سودىگەر بىر ئۇيغۇر بالىنى بېقىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ۋاڭسەن دەپ ئىسىم قويغان. بېقىۋالغان دادىسىغا ئەگىشىپ يۈرۈپ جۇڭيى تېبابىتى ۋە سودا دەستۇرلىرىنى ئۆگىنىۋالغان ۋاڭ سەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاقسۇغا قايتىپ، سۈيى ئەلۋەك، ئوت- چۆپلىرى بولۇق ئۆسكەن بىر پارچە يەردە بىر بازار قۇرغان، كىشىلەر بۇنى ۋاڭسەن كوچىسى دەپ ئاتاشقان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت سان-ساناقسىز ھېكايىلەر بارلىققا كېلىپ، ئىللىقلىق تارىتىپ ۋە كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ كەلمەكتە.

  «دادا، بىز ياڭ تاغامنىڭ ئۆيىگە قاچان بارىمىز؟ تاغامنى كۆرمىگىنىمگە ئون كۈن بولدى». ۋاڭسەن كوچىسىدىكى بىر ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى دۇكىنىدا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پاكزات مەمەتجان دادىسى مەمەتجان قاسىمدىن سورىدى. مەمەتجان ئوغلىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: «بىز ھازىرلا ياڭ تاغاڭنىڭ ئۆيىگە بارىمىز، بۈگۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال جەم بولىدىغان كۈن، چاغانلىق جەم بولۇش تامىقىنى چوقۇم بىللە يېمىسەك بولمايدۇ» دېدى.

  پاكزات دەۋاتقان «ياڭ تاغا»نىڭ ئىسمى ياڭ چىڭخۇا، ئۇ 2017-يىلى 3-ئايدا مەمەتجان بىلەن تۇغقانلاشقان بولۇپ، ئىككىسى ئىزچىل بىر-بىرىنى ئاكا-ئۇكام دەپ چاقىرىشىدۇ.

  سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىر مەمەتجان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۇكىسى ياڭ چىڭخۇانىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاشخانىدا ئالدىراش تاماق تەييارلاۋاتقان ياڭ چىڭخۇا ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئېچىپ، چىرايىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان ھالدا: «ئاكا، كەلدىڭلارمۇ، تېز ئۆيگە كىرىڭلار!» دېدى.

  «ئۇكام، چاغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، مەن سىز ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئۆپكە-ھېسىپ ئالغاچ كەلدىم». «ھا ھا ھا، يەنىلا ئاكام مېنى چۈشىنىدۇ-دە». ئىككىيلەن خۇشاللىقىدىن كۈلۈشۈپ كەتتى.

  قازان كاۋىپى، مايدا پىشۇرۇلغان راك، خۇڭشاۋيۈ، مەززىلىك پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان قورۇمىلار جوزىغا لىق تىزىلدى. «بىز ھەر يىلى چاغانلىق جەم بولۇش تامىقىنى چوقۇم بىللە يەيمىز». ياڭ چىڭخۇا كۆپچىلىكنى تاماققا تەكلىپ قىلغاچ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز خۇددى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك ئۆتىمىز، ئۇ ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ساتىدۇ، مەن سەھنە لايىھەلەيمەن، بىز دائىم ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىۋاتىمىز».

  «چاغان بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ داغدۇغىلىق ئەنئەنىۋى كاتتا بايرىمىمىز، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى يەپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك» دېدى مەمەتجان خۇشال ھالدا.

  خۇشال كۈلكە-چاقچاقلار ئىچىدە قاراڭغۇ چۈشتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى جوزىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تاماق يېگەچ، چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرۈپ، جەم بولۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى