تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات، يارقىن مەنزىرە

  شوخ ناخشىلار، كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن كونا يىل ئۇزىتىلدى، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەر مەدەنىي يېڭى كەيپىياتقا چۆمدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەر، يېزىلارنىڭ ھەممە جايلىرى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى، ھەر مىللەت ئامما بازار ئايلىنىپ، چاغانلىق بۇيۇم سېتىۋالدى، چۈنليەن چاپلاپ، پانۇس ئاستى، تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، كىرىمىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە پاراڭلىشىپ، پىلانلىرى ئۈستىدە سىرداشتى... ئۇلارنىڭ جىسمىدىن شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) مۇخبىرلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا كىشىنى خۇشال قىلارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆردى، ھەممە جاينى قاپلىغان مەدەنىي يېڭى كەيپىياتنى ھېس قىلدى.

  بىر قۇر يېڭى كىيىم سېتىۋېلىش، چېچىنى يېڭى پاسوندا ياسىتىش... 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىكى ئىزچىلار گىلەم توقۇش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان مەريەم تۇرسۇن دەم ئالغان تۇنجى كۈنىلا ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئالدىرىدى.

  مۇخبىر مەريەمنى ئۇچراتقاندا، ئۇ ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى تېتىر كەنتىدىكى بىر ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش دۇكىنىدا چېچىنى ياسىتىۋاتاتتى. «چۈشتىن بۇرۇن مەن بازار ئايلىنىپ، يېڭى كىيىم سېتىۋالدىم، چۈشتە چېچىمنى بۈدۈر قىلدۇرغىلى كەلدىم، ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا كۆپلۈكىنى ئويلىماپتىمەن، تۆت سائەت ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاران دېگەندە نۆۋەت كەلدى. يېپيېڭى قىياپەت بىلەن چاغاننى شاد-خۇرام ئۆتكۈزۈشنى ئويلىساملا، چەكسىز خۇشاللىق ھېس قىلىمەن» دېدى ئۇ.

  مەريەمنىڭ ئۆيى ئازاق يېزىسىنىڭ قۇلانچى كەنتىدە. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، ئەزەلدىن ساتىراشخانىغا بېرىپ پۇل خەجلەپ چاچ ياسىتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىكەن. بۇلتۇر 3- ئايدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ياخشى سىياسىتىدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئۇ ئىزچىلار گىلەم توقۇش زاۋۇتىغا كېلىپ ئىشلىگەن، ھەر ئايدا 3000 يۈەن مائاش ئېلىپ، كېيىنكى تۇرمۇشىغا بولغان ئىشەنچى بارغانسېرى ئاشقان.

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ شەھەر رايونىنى پىيادە ئايلىنىپ، ھەر خىل پىكاپلارنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنىڭ لىق تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. كوچىدىكى كىشىلەر مودا كىيىنگەن بولۇپ، چىرايىدىن بەخت شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

  چاغانلىق بۇيۇم سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرگەن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى تۆۋەنكى بالداڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىمىنجان توختى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ۋاڭسەن كوچىسىدىكى بىر ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى سېتىش دۇكىنىغا كىردى. «لوبەن، بۇ كىرئالغۇ تولۇق ئاپتوماتىكمۇ؟ مەن بىرنى سېتىۋالاي دېگەن، ئۆيدىكى كونا كىرئالغۇنى ئالماشتۇرۇۋەتسەم، خوتۇنۇم چوقۇم خۇشال بولۇپ كېتىدۇ». دۇكان ئىگىسى ئىمىنجاننىڭ يېنىغا كېلىپ، كىرئالغۇنىڭ ئىقتىدارلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  مۇخبىر كىرئالغۇ باھاسىنىڭ 2888 يۈەن ئىكەنلىكى كۆرۈپ، ئىمىنجاندىن بۇ باھانى قوبۇل قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىنى سورىدى. ئىمىنجان كۈلۈپ تۇرۇپ گەپ باشلىدى: «چاتاق يوق، ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، ئائىلە كىرىمىممۇ يىلدىن- يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ. باشقا كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئوخشاش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشتى. ئىشەنمىسىڭىز كەنتىمىزگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ، بىزنىڭ چاغاننى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ بېقىڭ!».

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىر گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى باشتېرەك كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئىسمائىل توختىنىڭ ئۆيىگە كەلدى، يېڭىدىن سالغان ئەمىن ئۆينىڭ ئىشىكىگە دۈيليەن ۋە «بەخت» خېتى چاپلانغان، تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونى ياغاچ رېشاتكا بىلەن ئايرىلغان، پاك-پاكىز يىغىشتۇرۇلغانىدى. ئىسمائىل يېڭى كىيىملىرىنى كىيگەن، چېچىنى يېڭىدىن ياساتقان بولۇپ، چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى تەييارلاۋاتاتتى.

  60 ياشقا يېقىنلاپ قالغان ئىسمائىلنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى ۋە خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن، كۈنبويى روھى چۈشكۈن يۈرىدىكەن. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆپ قېتىم كېلىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇنى بورا توقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر ئوغلىغا پاراۋانلىق ئىش ئورنى ھەل قىلىپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەمىن ئۆي سېلىش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن... بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچى تەدرىجىي پەيدا بولغان. «ھازىر كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى ياشىرىپ كەتتىڭ، دېيىشىدۇ. پارتىيە بىزگە نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنى بەردى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئەلۋەتتە بىزمۇ بارغانسېرى ياشىرىپ كېتىمىز-دە!» دېدى ئىسمائىل خۇشال ھالدا.

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرىدىكى ئاسىمگۈل ئىمىن پۈتۈن بازاردىكى «چولپان». 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، بازار تەشكىللىگەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن بىرگە چىپاۋ كىيىپ مودېل مېڭىش نومۇرىنى ئورۇنلاپ تونۇلۇپ كەتتى. «كەنتىمىزدە ھازىر ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنلىرى بەك كۆپ، چاغان يېتىپ كېلىشى بىلەن، كەنت ئاھالىلىرى تېخىمۇ كۆپ نومۇرلارنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولۇۋاتىدۇ» دېدى ئاسىمگۈل.

  تېرىم بازىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرىنى ئاسىمگۈل ۋە ئۇنىڭ ئاچا- سىڭىللىرى ماختاپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر بازارنىڭ ھەممىلا يېرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدارلىققا تولدى، مەدەنىي كەيپىيات ئەۋج ئالدى. ماھارەت تەربىيەسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى ۋە تۈركۈم- تۈركۈم «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان» تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ بازاردا بارغانسېرى كۆپ ئايال كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى، يېڭى بىر يىلدا مەنمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەيمەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، خې لىڭ، ما لىڭيۈن، مېھرىگۈل غوپۇر، مېھرىگۈل ناسىر يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى