تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇرتداشلار بىلەن بىللە چاغان ئۆتكۈزۈش

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى تارماق، ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى يېزا-كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى−

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى سەيپۇڭكۆۋرۈك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، تۇغقانلاشقان كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە پانۇس ئېسىپ، چۈنليەن چاپلاپ، كەنتتە مول مەزمۇنلۇق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما بىلەن كاتتا چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازاد يۈسۈپجان فوتوسى)

  قىپقىزىل پانۇسلار ئېسىلدى، چاغاننى كۈتۈۋېلىش دۈيليەنلىرى چاپلاندى، شوخ ناخشىلار ئېيتىلدى... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى تارماق، ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى يېزا-كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چاغانلىق سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى، كاتتا چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىنى تەبرىكلەش

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات- لېكسىيە زالى رەڭگارەڭ شار ۋە گۈللەر بىلەن بېزىلىپ، ئالاھىدە خۇشال بايرام تۈسىگە كىرگەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، نامرات ئائىلىلەر ۋەكىللىرى، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى خۇشال- خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى كۈتۈۋالدى.

  يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللىيچە يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇلى، كوچا ئۇسسۇلى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، ئاياللار ئورۇنلىغان كوللېكتىپ ئۇسسۇل، گۈزەللىك گىمناستىكىسى... بىر- بىرىدىن ئېسىل نومۇرلارنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى خۇماردىن چىقىپ، تەنتەنە قىلىشتى.

  «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار كەلگەندىن كېيىن، بىز كۆپچىلىكنىڭ بېيىش يولىمىز تېخىمۇ كېڭەيدى، كەنتىمىز تېخىمۇ گۈزەللەشتى. بۈگۈن چاغان، كۆپچىلىك قىزغىن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىز تەييارلىغان نومۇرلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى» دېدى كەنت ئاھالىسى ئوبۇلقاسىم راخمان چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭراتقاچ، يېنىدىكى دوستلىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ تۇرۇپ.

  كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى كۆپەيدى، مەن ناخشا ئېيتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇنداقلا ئاكتىپلاردىن. كۆپچىلىكنىڭ تەنتەنىسى ۋە ئالقىشىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن، كەنتىمىزدە مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئۆزۈمنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئەتىگەندىن بېرى ئالدىراش يۈرگەن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى شياۋ يۆگۈي پات- پات يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتاتتى ۋە سىنغا ئالاتتى. «كەنتىمىزنىڭ ئاياللىرى ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن بۇ گۈزەل دەقىقىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساقلاپ قويىمەن». شياۋ يۆگۈي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «چاغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق بايرىمى، جەم بولۇش خۇشاللىقىغا چۆمىدىغان بايرام، بىز كەنت ئاھالىلىرى بىلەن خۇددى تۇغقانلاردەك بىرلىكتە جەم بولۇشىمىز كېرەك. يېڭى بىر يىلدا، بىز تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، غولمەھەللە كەنتىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىمىز».

  ئۆزگىچە «كەنت كېچىلىكى» بىلەن چاغاننى قىزىتىش

  2-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىر گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسى باشلاقبىنام كەنتىگە كېلىپ، قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.

  كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە، مۇخبىرنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت چوڭ سەھنىسىدىكى شاد-خۇراملىققا چۆمگەن ئامما جەلپ قىلىۋالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى راھىلە ئېزىز بىر توپ كىچىك دوست بىلەن ھازىرقى زامان ئۇسسۇلىنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى.

  باشلاقبىنام كەنتىنىڭ كادىرى ئابباس مەمەت مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتە ھەر ھەپتىدە پائالىيەت بار، ھەممە بايرامنى تەبرىكلەيمىز، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، «مەن ئائىلەمنى سۆيىمەن» ئائىلە تازىلىقى قاتارلىق سېلىشتۇرۇپ باھالاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، 150 نەچچە كەنت ئاھالىسىنى شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا بىرتۇتاش تەشكىللىدى... كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەردىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلدى.

  باشلاقبىنام كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى چېن چېڭ كەنت ئاھالىسى بۇخەلچەم ئابدۇكېرەمگە ياردەملىشپ پانۇس ئېسىۋاتاتتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خۇشال، ئىناق چاغان ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىمىز چاغانلىق كېچىلىك تەييارلاپلا قالماي، يەنە جياۋزى تۈگۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، كەنت دەرىجىلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەپ، كۆپچىلىككە ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىتىپ، ئۈمىدىنى سۆزلىتىپ، تەرەققىياتنى سۆزلىتىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى».

  2-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى غەجەك كەنتى مەدەنىيەت مەيدانىدا، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى. باشلانغۇچ مەكتەپ 5- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايشەمگۈل ئابدۇسەمى ئېيتقان يۈيجۈ تىياتىرى «خۇا مۇلەن»دىن ئارىيە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلىغان «ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلىپ، ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەش» دىرامىسىدا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى غەجەك كەنتىگە ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەر بايان قىلىندى.

  زىيارەت قىلىش، ھال سوراش ئارقىلىق قەلبلەرنى ئىللىتىش

  بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار كەنتتە تۇرۇش نۇقتىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھال سوراش، زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا چاغانلىق سالام يوللىدى ۋە بەخت تىلىدى.

  2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك گېئولوگىيە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ رۇڭ قاتارلىقلار قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقباش بازىرى قاقشال كەنتىگە كېلىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى، نامرات ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. 70 نەچچە ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى مامۇت توختى ۋاڭ رۇڭنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بولۇپ، ۋاڭ رۇڭ بوۋاينىڭ ئۆيىگە كېلىپلا، خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بارغاندەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ، ئوتۇن يېرىپ، جياۋزى تۈگدى... كاڭدا ئولتۇرۇپ، ۋاڭ رۇڭ بوۋاينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. مامۇت ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقى، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقىنى ئاڭلاپ، ۋاڭ رۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن سىز يەنە پارتىيە ئەزاسىلىق رولىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىڭىز كېرەك».

  2-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو پوچتا پۇل-ئامانەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى چۇ جيەنپىڭ ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسى لەڭگەر كەنتىگە كېلىپ، بۇ بانكىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى يوقلىدى، ھال سورىدى. چۇ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك كەنتتە تۇرۇش بىرىنچى سېپىنى چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى. كۆپچىلىك يەنە جاپادىن قورقماسلىق، ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماسلىق، بوشاڭلىق قىلماسلىق روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەنتتە تۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ياخشى تاماملىشى كېرەك».

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ شەنشۈن، لى داۋجۇڭ، ما لىڭيۈن، جاڭ رۈيلىن، جاڭ يۈنمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى جياڭ شىڭمەن، لى جىڭ، چىن داپېڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى