تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىر بىلەن جۇڭگو-سۇدان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 4-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنى سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بەشىر بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۇدان ئەڭ بۇرۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، 2015-يىلى جۇڭگو-سۇدان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. مەن بۇنىڭدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلدىم. مەن جۇڭگو-سۇدان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىللە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە تۈرلۈك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-سۇدان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  بەشىر تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇدان-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم، زور ئىش. 60 يىلدىن بۇيان، سۇدان-جۇڭگو ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەرقايسى ساھەلەردە پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى. سۇدان تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى بىلەن ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىگە ئاۋاز قوشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، سۇدان-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سۇدان زۇڭلىسى مۇتاز بىلەنمۇ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-سۇدان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سۇدان ھۆكۈمىتى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. مۇتاز تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى سۇدان-جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە، سۇدان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سۇدان-جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇدان-جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.