تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە بايراملىق كەيپىيات ئۇرغۇپ تاشتى

   شوخ ناخشىلار ۋە كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن كونا يىل ئۇزىتىلدى، مەدەنىي يېڭى ئىستىل ھەممە ئائىلىنى قاپلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدا قويۇق بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تاشتى، ھەر مىللەت ئامما بازار ئايلىنىپ، چاغانلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى، چۈنليەن چاپلاپ، پانۇسلارنى ئاستى، تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كىرىم ـ پىلانلار ھەققىدە پاراڭلاشتى ...... ئۇلارغا قاراپ، مۇخبىرىمىز جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە بەس-بەستە مەيدانغا كېلىۋاتقان خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندەك، مەيىن شامال كەبى دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلاۋاتقان مەدەنىي يېڭى ئىستىلنىڭ ھەممە يەرنى قاپلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدى.

   يېڭى كىيىم سېتىۋېلىش، يېڭى چاچ پاسونى ياسىتىش ..... 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسىدىكى گىلەم زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان مەريەم تۇرسۇن چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن تۇنجى كۈنىلا يۇقىرىقى پىلانلىرىنى «ئىجرا قىلىش»قا ئالدىرىدى.

   مۇخبىرىمىز مەريەمنى ئۇچراتقاندا، ئۇ ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسىنىڭ تېتىر كەنتىدىكى بىر ساتىراشخانىدا چېچىنى ياسىتىۋاتاتتى. «چۈشتىن بۇرۇن بازار ئايلىنىپ، يېڭى كىيىم سېتىۋالدىم، چۈشتە بۇ يەرگە كەلگەنىدىم، چاچ ياساتقىلى كەلگەنلەرنىڭ بۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن، ئۆچرەتتە تۆت سائەت تۇرۇپ، نۆۋەت ئاران كەلدى. چاغاننى يېڭىچە قىياپەت بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ئويلىساملا خۇشال بولۇپ كېتىمەن» دېدى ئۇ كۈلگىنىچە.

    مەريەم ئازاق يېزىسىنىڭ قۇلانچى كەنتىدىن. ئۇ مۇخبىرغا ئىلگىرى ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىغاچقا، ساتىراشخانىغا چاچ ياساتقىلى بارالمايدىغانلىقىنى، بۇلتۇر 3-ئايدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى سىياسىتىدىن نەپ ئېلىپ، ھازىرقى گىلەمچىلىك زاۋۇتىغا ئىشقا چۈشكەنلىكىنى، ھەر ئايدا 3000 يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقىنى، كەلگۈسى تۇرمۇشقا قارىتا بارغانچە ئىشەنچكە تولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

   2-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ شەھىرىنى پىيادە ئايلىنىپ، ھەرخىل ماركىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يوللاردا ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ يەنە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئاپتوموبىللار بىلەن لىق توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. پىيادە كېتىۋاتقان كىشىلەر بولسا مودا كىيىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ چېھرىدىن بەخت ئوخچۇپ تۇراتتى.

   بازارغا چاغانلىق بۇيۇم سېتىۋالغىلى كىرگەن ئىمىنجان توختى ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى بالداڭ كەنتىدىن، ئۇ ئاقسۇ شەھىرى ۋاڭسەن كوچىسىدىكى بىر ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى دۇكىنىغا كىردى. «دۇكاندار، بۇ كىرئالغۇ پۈتۈنلەي ئاپتوماتىكمۇ؟ بىرنى سېتىۋالاي دېگەنىدىم، ئۆيدىكى كونا كىرئالغۇنى ئالماشتۇرىۋېتەي، خوتۇنۇم چوقۇم بەك خۇشال بولىدۇ.» دۇكاندار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇ سورىغان كىرئالغۇنىڭ ئىقتىدارىنى ئۇنىڭغا ئىنچىكە چۈشەندۈردى.

   مۇخبىر كىرئالغۇ باھاسىنىڭ 2888 يۈەن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىمىنجاندىن بۇ باھانى قوبۇل قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىنى سورىۋىدى، ئىمىنجان كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋاي چاتاق يوق، پارتىيەنىڭ سىياسىتى كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىمۇ يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ. كەنتىمىزدىكى ھەممەيلەن شۇنداق، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشقا ئىشەنچىمىز زور، ئىشەنمىسىڭىز، مەن بىلەن كەنتكە بېرىپ، تۇرالغۇ شارائىتىمىزنى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمىزنى كۆرۈپ بېقىڭ، بىز چاغاننى قانداق ئۆتكۈزىمىزكىن!

   2-ئاينىڭ 4-كۈنى، مۇخبىر گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى بەشتېرەك كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئىسمايىل توختى ئائىلىسىگە كەلدى، يېڭىدىن سېلىنغان ئەمىن ئۆي دەرۋازىسىغا چۈنليەن ۋە «بەخت» خېتى چاپلانغان، ھويلا تۇرمۇش رايونى، تېرىلغۇ رايونى ۋە باقمىچىلىق رايونىغا بۆلۈنۈپ، قاشا بىلەن ئايرىلىپ، پاكپاكىز يىغىشتۇرۇلغانىدى. ئىسمايىل چاچلىرىنى ياسىتىپ، يېڭى كىيىملىرىنى كىيىۋالغان بولۇپ، چاغان ھارپىسىدىكى كېچىلىك تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتاتتى.

   يېشى 60قا يېقىنلاپ قالغان ئىسمايىل «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ بىر ئوغلىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى، بۇ ئەمىن ئۆيگىمۇ شۇ دىلكەش كىشىلەرنىڭ تىزىملاپ قويغانلىقىنى ئېيتتى، بۇلار ئىسمايىلنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ئىشەنچ ئاتا قىلغانىدى. «ھازىر كەنتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى مېنى ياشىرىپ قاپسىز دېيىشىدۇ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى بۇنچە ياخشى تۇرسا، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ ـ دە» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

   يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازىرىدا، ئاسىمگۈل ئىمىن پۈتۈن بازار بويىچە «چولپان». 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، بازار تەشكىللىگەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدە ئۇ ۋە باشقا خانىم-قىزلار بىرلىكتە ئورۇنلىغان چىپاۋ كىيىپ مودېل مېڭىش نومۇرى تولىمۇ ئالقىشقا ئېرىشتى. «ھازىر كەنتىمىزدە مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى بەك كۆپ، چاغاندا كەنتىمىزدىكىلەر يەنە نەچچە مەيدان ئويۇننى كۆپ كۆرسەك، دېيىشىۋاتىدۇ» دېدى ئاسىمگۈل.

    تېرىم بازىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى ئۆزگىرىشلىرى ئاسىمگۈل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خانىم-قىزلارنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى. ئاسىمگۈل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر بازار يارقىن رەڭلەرگە، مەدەنىي كەيپىياتقا تولدى، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنىڭ ئومۇملىشى ۋە ‹تېز ئۈنۈم بېرىدىغان› تۈرلەرنىڭ تۈركۈملەپ ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، بازىرىمىزدىكى خانىم-قىزلار سانائەت ئىشچىلىرىغا ئايلاندى. بۇ يېڭى بىر يىلدا، مەنمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى