ئاپتونوم رايون 2019-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ">
تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون 2019-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

 چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى
شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتناشتى

2- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت 2019- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال- خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. ( مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)

     مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت 2019- يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال- خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.
    كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىقلار ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا بەخت تىلىشىپ، چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر- جەڭچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر- ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قوشۇنىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر، بىڭتۈەندىكى كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىغا، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارغا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان يولداشلارغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان بارلىق دوستلارغا چاغانلىق سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى.
    چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: 2019- يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق، دىنىي ساھە ئېجىل- ئىناق بولدى، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا سىجىل تارقىتىلدى، ئىقتىساد مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچ تولۇپ تاشتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شانلىق نۇرىنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئىلمىي، بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.
    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، بىز سىياسىي يۈكسەكلىكىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
    ليۇ ۋەنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۈەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە بىر قىسىم دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، 63650- قىسىم، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بىر قىسىم پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى ھەمدە ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە نەمۇنىچىلار كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىغا قاتناشتى.
    كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا، ھەر مىللەت ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.