تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چاغان ئالدىدا بېيجىڭ ۋېيشۇچۈنى كۆزدىن كەچۈردى، يوقلىدى

بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكىرى-زاپاس ھەربىيلىرىگە چاغانلىق تىلەك تىلىدى

چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالايىتەن بېيجىڭ ۋېيشۇچۈگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بەن-پەيلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاراۋۇللۇق ئورۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكىرى-زاپاس ھەربىيلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى. سۈرەتتە، شى جىنپىڭ دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ بايراق قوغداش سېپى تۈزۈش ھەرىكىتى مەشىقىنى كۆرمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

سۈرەتتە، بېيجىڭ ۋېيشۇچۈ ياردەم بېرىش-كاپالەتلەندۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزەت مۇلازىمەت ئىشلىرى 1-ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى نەق مەيداندا «بەخت» خېتىنى يېزىپ، ھۆرمەت بىلەن رەئىس شى جىنپىڭغا سوۋغا قىلىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا بولغان چاغانلىق تىلىكىنى بىلدۈردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھاپىزەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ۋېيشۇچۈ قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قىسىم بولۇش كېرەك.

  سادىق بولۇپ، قىسىمنى ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش ۋە ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قىسىملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت، ئىنتىزامنى چىڭ ساقلاپ، مۇھاپىزەت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھاپىزەت نىشانىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پايتەختنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  قاتتىق تۇتۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قىسىم كەيپىياتىنى تۈپتىن ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئۈزلۈكسىز كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىسىملارنى قاتتىق تەربىيەلەپ، باشقۇرۇپ، دائىملىق، ئۇللۇق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىشىگە، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى شۈەنلياڭ). چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالايىتەن بېيجىڭ ۋېيشۇچۈگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بەن- پەيلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاراۋۇللۇق ئورۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكىرى- زاپاس ھەربىيلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق تىلەك تىلىدى.

  چاغانغا ئاز قالدى، پايتەخت بېيجىڭدا بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ گۇگوڭ دۇەنمېن دۇڭچاۋفاڭدىكى دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتىگە كەلدى. جەڭچىلەر مەشىق مەيدانىدا بايراق قوغداش سېپى تۈزۈش ھەرىكىتى ۋە بايراقنى ئېچىش- يىغىش مەشىقى قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ تەپسىلىي كۆردى ھەم ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتى بايراق چىقىرىش ھەرىكىتىنى كۆرسەتتى، پۈتكۈل جەريان دەل، راۋان، مەردانە بولدى، شى جىنپىڭ رازىمەنلىك نەزەرى بىلەن قاراپ، كۆپچىلىكنى ئاساسىي ماھارەتنى ياخشى مەشىق قىلىپ، دۆلەت بايرىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى زىممىسىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەچتە بىرلا يوتقان يېپىنغاندا توڭلايدىغان-توڭلىمايدىغانلىقىنى سورىدى، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ھال-ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاساسىي قاتلامغا كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى تاپىلىدى. دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ شەرەپ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى، ئۆزگىرىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  شى جىنپىڭ گازارما رايونىدىكى ئېكران تام ئالدىدا كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، جەڭچىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ، بەخت ۋە خۇشاللىققا چۆمدى. شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى مۇھىم دۆلەت مۇراسىمى، سىلەر مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق دۆلەت بايرىقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشىڭلار كېرەك. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قىشتا سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن، سوغۇقتىن ساقلىنىپ، ئىسسىق يۈرۈشكە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى.

  دۆلەت بايرىقى ئوتتۇرا ئەترىتىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ ياردەم بېرىش- كاپالەتلەندۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزەت مۇلازىمەت ئىشلىرى 1-ئوتتۇرا ئەترىتىگە كەلدى. ئۇ قىسىمنىڭ جابدۇق- ئۈسكۈنىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، مۇھاپىزەت مۇلازىمەت ئىشلىرى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئوتتۇرا ئەترەت كۇلۇبىدا، جەڭچىلەر چاغانلىق ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاۋاتاتتى، شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، جەڭچىلەر تەييارلاپ، ئۆزى ئورۇنلىغان كىچىك خور «جاڭ سىدېنىڭ ۋارىسلىرى»نى قىزىقىپ كۆرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۇلار ئۈچۈن چاۋاك چالدى. شى جىنپىڭ چوڭقۇر تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: قىسىمنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتىدە ئەسكەرلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتىنى ياخشى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك. شاڭشى يۈەن ۋېنكۈي نەق مەيداندا «بەخت» خېتىنى يېزىپ، ھۆرمەت بىلەن رەئىس شى جىنپىڭغا سوۋغا قىلىپ، جەڭچىلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا بولغان چاغانلىق تىلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جەڭچىلەر ئاشخانىسىغا بېرىپ، مەشغۇلات ئۆيىگە كىرىپ، ئوچاق ئالدىغا كېلىپ، ئادەتتە تاماق ئەھۋالى قانداق؟ چاغانلىق تاماقنى قانداق ئورۇنلاشتۇردۇڭلار؟ دەپ كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. شى جىنپىڭ قىسىمدىكىلەرگە جەڭچىلەرنىڭ بايراملىق تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىككە خۇشال-خۇرام، خاتىرجەم، بىخەتەر بايرام ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تاپىلىدى.

  ۋېيشۇچۈنىڭ ئۇرۇش قىلىش نۆۋەتچىلىك ئىشخانىسىدا، شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ مۇھاپىزەت ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم سىن سىستېمىسى ئارقىلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن «1-ئاۋغۇست» بىناسىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىدىكى قاراۋۇللۇق ئورنى بىلەن تېلېفونلىشىپ، قاراۋۇللارغا يۈكسەك ھوشيار ھالەتنى ساقلاپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ بىرىنچى سەپتىكى مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ تەرتىپ ساقلاش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇلارنى قانۇن ئىجرا قىلىش مۇلازىمىتى فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ئوبرازىنى، ھەربىيلەرنىڭ ئوبرازىنى ياخشى قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى.

      كەينىدىنلا، شى جىنپىڭ بېيجىڭ پېشقەدەم كادىرلار پائالىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇرۇلۇش قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ قۇرۇلۇشنى بالدۇرراق تاماملاشنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ: پېشقەدەم كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى ھەم كەڭ پېشقەدەم كادىرلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋېيشۇچۈ ئورگىنىدىكى بارلىق كادىرلار، ئۇنىڭغا قاراشلىق قىسىملاردىكى شىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ۋە ئىشتاتلىق تۈەنلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلدى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ۋېيشۇچۈنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ ۋېيشۇچۈ پايتەخت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى مۇداپىئە قىلىدۇ، تۈگۈننى قوغدايدۇ، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىۋاسىتە كونترول قىلىدىغان بىر مۇھىم كۈچ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھاپىزەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ۋېيشۇچۈ قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قىسىم بولۇش كېرەك. سادىق بولۇپ، قىسىمنى ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش ۋە كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىسىملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت، ئىنتىزامنى چىڭ ساقلاپ، قوغداش، مۇھاپىزەت ۋەزىپە ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھاپىزەت نىشانىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە، ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پايتەختنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قاتتىق تۇتۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قىسىم كەيپىياتىنى تۈپتىن ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەمىز، ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئۈزلۈكسىز كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىسىملارنى قاتتىق تەربىيەلەپ، باشقۇرۇپ، دائىملىق، ئۇللۇق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شۈ چىلياڭ، جاڭ يوۋشيا ۋە ۋېي فېڭخې، لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.