تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئارمىيە- يەرلىك سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئارمىيە- يەرلىك سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي، ليۇ جيەنشىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، قۇربان بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، مېيىپ ھەربىيلەر، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، خەلق ئەسكىرى- زاپاس ھەربىيلىرىگە چاغانلىق بەخت ۋە گۈزەل تىلەك تىلىدى! بايرام مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدا يەنىلا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ۋە ۋەتىنىمىز چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ بىرىنچى سېپىنى ساقلاۋاتقان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى!

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ جەڭگە تەييارلىق كۆرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئىستىلى ئېسىل ياخشى قىسىم، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم ئۇل تاش، پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان ۋە تايىنىدىغان پولات سېپىل.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق يىلى. بىز «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئائىت تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئارمىيە- يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئارمىيە- خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قىسىمنىڭ ئىسلاھاتى، قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن ياخشى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقى، قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئارقىلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى يۈكسەلدۈرۈش روھىنى مۇستەھكەملەپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، جەڭگە تەييارلىق كۆرۈپ ئۇرۇش قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئېغىر ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى ليۇ ۋەنلۇڭ، 63650- قىسىمنىڭ جىڭۋېيسى يۆ لېي، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ سىلىڭيۈەنى جوۋ جيەنگو، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسىنىڭ سىلىڭيۈەنى يىن ۋېي، قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۈەن باش ئەترىتىنىڭ جىڭۋېيسى رېن يەنبو شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكىرىلىك خىسلىتىمىزنى ساقلاپ، جەڭگە تەييارلىق قىلىپ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.