تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى. چاغان ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ، لى پېڭ، جۇ رۇڭجى، لى رۈيخۈەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۈەنجېڭ، لى چاڭچۈن، لو گەن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى ۋە تيەن جىيۈن، چى خاۋتيەن، جياڭ چۈنيۈن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۈي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۈەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، ۋاڭ بىڭچيەن، زوۋ جياخۇا، پېڭ پېييۈن، جوۋ گۇاڭجاۋ، ساۋ جى، لى تيېيىڭ، خې لۇلى، دىڭ شىسۈن، شۈ جيالۇ، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، رې دى، شېڭ خۇارېن، لۇ يۇڭشياڭ، ئۇيۈنچىمېگ، خۇا جيەنمىن، چېن جىلى، جوۋ تيېنۇڭ، ئىسمائىل تىلىۋالدى، جياڭ شۇشېڭ، ساڭ گوۋېي، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، جاڭ باۋۋېن، تاڭ جياشۈەن، لياڭ گۇاڭليې، دەي بىڭگو، چاڭ ۋەنچۈەن، شياۋ ياڭ، خەن جۇبىن، جيا چۈنۋاڭ، يې شۈەنپىڭ، رېن جيەنشىن، سۇڭ جيەن، چيەن جېڭيىڭ، خۇ چىلى، ماۋ جىيۇڭ، ۋاڭ جۇڭيۈ، لى گۈيشيەن، جاڭ سىچىڭ، جاڭ كېخۈي، خاۋ جيەنشيۇ، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۈەيشى، لى مېڭ، لياۋ خۈي، بەي لىچېن، چېن كۈييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جېڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، لى ۋۇۋېي، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جوۋ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، چى شۈچۈن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلارنى ئايرىم- ئايرىم يوقلىدى ياكى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى، پېشقەدەم يولداشلاردىن بايراملىق سەمىمىي ھال سورىدى، چىن كۆڭلىدىن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال- خۇرام ئۆتۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلىدى.

  پېشقەدەم يولداشلار بۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈردى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پېشقەدەم يولداشلار پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.