تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بالىلار شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ چاغانلىق‏ ئاتكرىتكىسىنى تاپشۇرۇۋالدى

      مۇخبىرىمىز دۈەن شياۋلى خەۋىرى: «چوڭ بازارنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم! پۇرسەت بولسا شىنجاڭغا بېرىپ، گۈزەل چوڭ بازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسىنى كۆرۈپ كېلىمەن». 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭلىق بالىلار ئەۋەتكەن ئاتكرىتكىنى تاپشۇرۇۋالغان شىئەندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قولىدا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى باش تېما قىلىنغان ئاتكرىتكىنى كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سىن ئارقىلىق سالام يوللىدى.

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بالىلار ئاتكرىتكىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شىنجاڭلىق بالىلارغا سىن ئارقىلىق سالام يوللىدى.

     ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى رايون تەۋەسىدىكى 37 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىزغان 400 پارچىدىن ئارتۇق رەسىمنى يىغىپ، بۇنىڭ ئىچىدىن بىرىنچى دەرىجىگە ئېرىشكەن 48 پارچە ئەسەرنى تاللاپ، «چوڭ بازار» ئاتكرىتكىسىنى ياساپ چىققان. ئارقىدىن 700دىن كۆپرەك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سەپەرۋەر قىلىنىپ، چوڭ بازار باش تېما قىلىنغان ئاتكرىتكىنى پوچتا ئارقىلىق يوللاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئون نەچچە ئۆلكىسىدىكى كىچىك دوستلارغا چاغانلىق ياخشى تىلەكلىرىنى ئەۋەتكەن.

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بالىلار ئاتكرىتكىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شىنجاڭلىق بالىلارغا سىن ئارقىلىق سالام يوللىدى.

  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بالىلار ئاتكرىتكىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شىنجاڭلىق بالىلارغا سىن ئارقىلىق سالام يوللىدى.
پاتىمە يۈسۈپ تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى