تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

تويدىن كېيىنكى بۇ خاتالىقلار ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ‏مۇمكىن

  تۇرمۇشتا تەڭ ئىلگىرىلىگەن ئەر-خوتۇنلار بەختنىڭ «تەمى»نى ھېس قىلالايدۇ. ئەمما، يېڭى توي قىلغان كۆپىنچە ئەر-خوتۇنلار كەلگۈسى تۇرمۇشىنى ياخشى پىلانلىمايدۇ. بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ قارايدىكەن:

  1. «بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر تۇرمۇشتا مۇشۇنداق قىلاتتى». يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار دائىم تويدىن بۇرۇنقى ئائىلىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان تەسىرىگە سەل قاراپ، تويدىن كېيىنمۇ شۇ ئائىلىدىكى بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرسام بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەر ئىككى تەرەپ ئازدۇر-كۆپتۇر ئەسلىدىكى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ قالسا بولىدۇ. ئەمما، قارشى تەرەپ بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغاندا، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا ئاسانلا تالاش-تارتىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنى ياخشى چۈشىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ زادى قانداق تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

    2. «ئۆيلىنىش ــــ بىزنى چوقۇم بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ». ئامېرىكا «ئىندىۋىدۇئاللىق ۋە ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك 15 يىل داۋاملاشقان تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، تويدىن بۇرۇن دائىم يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، غەمكىن يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ تويدىن كېيىن خۇشال يۈرۈشى ئوخشاشلا تەس بولىدىكەن. تويدىن بۇرۇنقى بەخت تۇيغۇسى يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى بەلگىلەيدىكەن. شۇڭا، تويدىن كېيىن بەختلىك ئۆتۈشنى ئويلىسڭىز، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى خۇشال تۇتۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

   3. «ھەمراھىم مەن ئۈچۈن ئۆزگىرىشى كېرەك». مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلار ئۆزىنىڭ قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باققانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن. تويدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاجرىشىپ كېتىدىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىچىدە، كۆپىنچىسى قارشى تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش كۆرۈشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا ئاجرىشىپ كېتىشكە سەۋەب بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، «ئەر-خوتۇنلارنى يېقىن دوستلاردىن دېيىشكىمۇ بولىدۇ، ھەرگىزمۇ يۇقىرى-تۆۋەن مۇناسىۋەتتە ئەمەس. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەقەت بىر-بىرىگە بۇيرۇق قىلىشلا مەۋجۇت بولۇپ، چۈشىنىش، ھالىغا يېتىش بولمىسا، بۇ خىل ئەھۋال ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.

«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

پاتىمە يۈسۈپ تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى