زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى ئاسان، ئۈنۈملۈك ھەم ئىلمىي ھەرىكەت بولۇپ، مەيدان ياكى چېنىقىش ئۈسكۈنىسى تەلەپ قىلمايدۇ. مەيلى ئۆيدە ياكى خىزمەت ئارىلىقىدا بولسۇن، بۇ ھەرىكەتنى ئىشلىگىلى بولىدۇ.
زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بەرگەندە، پۇتنى ئاسرىغىلى، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇت مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ. ئادەم زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا، پۇت بىلەن ساغرا قىسمى مۇسكۇلى قىسىلىپ، تۆۋەنكى مۈچە قىسمىدىكى قان تېز سۈرئەتتە يۈرەككە يېتىپ بارىدۇ. ئولتۇرۇپ-قوپۇش ھەرىكىتى قاننى راۋانلاشتۇرۇپ، بەدەننى ئاسرايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى تۆۋەنكى مۈچىنىڭ مۇسكۇل كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تىز بوغۇمىنىڭ تۇراقلىقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېڭە فۇنكسىيەسىنىڭ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.
زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەش قېتىم سانى بەدەن ساپاسىغا ئاساسەن بېكىتىلسە بولىدۇ. ئادەتتە كۈندە 15 قېتىمدىن تۆت گۇرۇپپا ئىشلەش، سانىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنىڭ رىتىم ئۆلچىمى ئادەتتە ھەر بەش سېكۇنتتا بىرنى ئىشلەش بولۇپ، ھەرىكەت مىقدارىنى بەدەن ئەھۋالىغا قارىتا بەلگىلىسە بولىدۇ.
زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت ۋە بوغۇم كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ ئىشلىشىگە ماس كەلمەيدۇ؛ ياشانغانلار ياكى تېنى ئاجىزلار يېرىم زوڭزىيىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، تىز بوغۇمىنىڭ ئىگىلىش دەرىجىسىنىمۇ بەدەن ساپاسىغا قارىتا بەلگىلىسە بولىدۇ.
«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى