تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

دارچىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن

  گۇاڭجوۋ گېزىتى خەۋىرى: دارچىن تاماق ئەتكەندە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم تەڭشىگۈچ بولۇپ، ئىلگىرى جۇڭيى تېبابىتىدە دارچىننىڭ ئىنتايىن ياخشى تەم تەڭشىگۈچ بولۇپلا قالماي، يۈرەك، مېڭە ۋە نېرۋىلارغىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى بايقالغان.

  ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتىنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دارچىندا ياللۇغقا، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە پولىفېنول ماددىسى بار بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك پەيدا قىلغان يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بېقىلغان چوڭ چاشقان ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ھايۋانلار مودېلى تەجرىبىسىدە، ئۇدا 12 ھەپتە دارچىن تولۇقلىغان چوڭ چاشقانلارنىڭ قورسىقىدىكى ماينىڭ ئازىيىپلا قالماي، بەلكى يەنە قېنىدىكى ماي، قەنتلەر ۋە ئىنسۇلىن سەۋىيەسى بىر قەدەر ساغلام بولغان. تەتقىقاتچىلار، دارچىننىڭ قىسمەن كۆچۈرگۈچى فاكتور ۋە ئوكسىدلىنىشتىن مۇداپىئەلىنىش سىگنال يولىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق، قاندىكى ياغ كۆپىيىش كېسىلى، ياللۇغ قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىپ، شۇ ئارقىلىق ياغلىق يېمەكلىكلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى تەسىرىنى ئازايتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

مەختۇمە ئەخمەت تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى