تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىتتىپاقلىق كۈچى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە غەلىبە قىلايلى

قۇتۇبى ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىزۋانگۈل ھامۇت

  مەن بىر ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن ئاتا-ئانام بىزگە ھەر مىللەت ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار بىلەن ئۆزئارا ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىكىمدە بىز ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان چوڭ قورۇدا تۇراتتۇق، مەن ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئوينايتتىم، بىزنىڭ ئارىمىزدا قىلچە مىللەت ئايرىمىسى يوق ئىدى. ھەر مىللەت قوشنىلار ئادەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ھېيت-بايراملاردا ئۆزئارا بەخت تىلىشىپ ئۆتەتتۇق. بىز دائىم كىرىش-چىقىش قىلىشاتتۇق، قوشنىلار پولۇ ئېتىش، گۆش پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدى، بىزمۇ يۈەنشياۋ تۈگۈش، سېۋەت توقۇشنى ئۆگىنىۋالدۇق. كېيىن بەزى قوشنىلار كۆچۈپ كەتتى، ئەمما بىز يەنىلا ئالاقىنى ساقلاپ كەلدۇق، جەم بولغاندا بىرلىكتە ئۆتمۈشتىكى گۈزەل چاغلارنى ئەسلىشىمىز. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مەن شەرەپلىك ھالدا خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۈچ گەز دەرس مۇنبىرىدە ئۆزۈمنىڭ نۇر ۋە ھارارىتىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈركۈم-تۈركۈملەپ ۋەتەن غۇنچىلىرىنى تەربىيەلىدىم ۋە يېتىشتۈردۈم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشىدە، مەن بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپەمنى ئەسلىسەم، مېنىڭ ھەربىر قەدىمىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن چىن قەلبىمدىن ئۇلۇغ پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىر تال چوكىنى سۇندۇرماق ئاسان، ئون تال چوكىنى سۇندۇرماق قىيىن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. دۈشمەنلەر بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىمىزدىن قورقىدۇ، بۇ، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەڭ زور كۈچ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؛ دۈشمەنلەر ئىتتىپاقلىقىمىزغا قانچە بۇزغۇنچىلىق قىلغانسېرى، بىز تېخىمۇ شۇنچە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىتتىپاقلىق كۈچى ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئىتتىپاقلىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك.

  مېنىڭ ئۆگىنىش كەچۈرمىشىم ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىم مېنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى پىششىق ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى بىز ھەربىر جۇڭگو پۇقراسى ئۆگىنىشكە ۋە ئىگىلەشكە تېگىشلىك تىل-يېزىق، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىشلىتىش ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا ھەربىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، بىرەر ماھارەتنى ئىگىلىگەندە، تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تايانچ كۈچىگە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە ئىكەنلىكىنى، جەزمەن قەتئىي پاكىز يوقىتىش كېرەكلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. مەن بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ئىشنى ئۆزۈمدىن، ئەتراپىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللار ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى