تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشتىكى ساداقىتىم، ئېتىقادىمنى نامايان قىلىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قەلبىنۇر ھۈسەن

  مەن كىچىكىمدىن تارتىپ پامىر ئېگىزلىكىدە چوڭ بولدۇم. ئاجايىپ-غارايىپ پامىر ئېگىزلىكىدە، تەبىئەتنىڭ ئويمىچىلىق ئۇستىسى ئاجايىپ ھۈنەر بىلەن نەقىشلەپ، ھەر خىل رەڭدە رەڭلەپ، ۋەتىنىمىز تېررىتورىيەسىنىڭ ئەڭ غەربى ئۇچىنى گۈزەل ۋە ئىناق قىلىپ سۈرەتلەپ بەردى. مەن ئۆزۈمنى بېقىپ ئۆستۈرگەن يۇرتۇمغا نىسبەتەن چەكسىز مۇھەببەتكە چۆمۈلدۈم، يۇرتۇمدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن مەن ھەسسىلەپ روھلاندىم، چەكسىز خۇشال بولدۇم، پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتى بۇ يەردىكى پۇقرالارنى ياشناتماقتا.

  ھالبۇكى، دەل بىز بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان چاغدا، «ئۈچ خىل كۈچ» مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، ئۆزلىرىنىڭ جىنايى سۇيىقەستى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل توختاتمىدى. بۈگۈن، مەن ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشلىرىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت تەستە قولغا كەلگەن، مۇقىم، ئىناق تۇرمۇش تەستە قولغا كەلگەن، بىز چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك، تىنچ-ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى سۇيىقەستىنى تەلتۆكۈس بىتچىت قىلىشىمىز كېرەك.

  قىرغىز مىللىتى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوت-سۇ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ئات ئۈستىدىكى مىللەت بولۇپ، ئاتا-بوۋىمىزدىن تارتىپ باقمىچىلىققا تايىنىپ ياشاپ كەلگەن، مۇقىم بىر جايدا تۇرمايتتۇق، ئۇياقتىن-بۇياققا كۆچۈپلا يۈرەتتۇق، تۇرمۇشىمىز جاپالىق ئىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەقىقىي تۈردە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلدۇق، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇق. بۈگۈنكى كۈندە، قارلىق تاغ ئېتىكىدە، قاتار-قاتار يېزا-كەنت تاشيولى ئىشىك ئالدىمىزغىچە تۇتاشتى، دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىدا پىكاپلار بار بولدى، ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرمۇ شەھەرلەردىكى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى... كۆپچىلىكنىڭ قەلبى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا، ئىللىق بەخت تۇيغۇسىغا تولۇپ تاشتى.

  دادام كونا جەمئىيەتتە جاپالىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن، ھازىرقى تۇرمۇشنىڭ تولىمۇ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىدۇ، ئۇ دائىم بىزگە مىننەتدار قەلبىڭلار، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرۇڭلار، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇڭلار، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىڭلار، چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭلار، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلار، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىڭلار، دەپ تەربىيە بېرەتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، خىزمەتكە ئەمدىلا قاتناشقان مەزگىلدە، دادام مېنى پارتىيە تەشكىلىگە يېقىنلىشىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە بالدۇرراق كىرىشكە رىغبەتلەندۈرگەنىدى. تەشكىلنىڭ تەربىيەلىشى بىلەن، 23 ياشقا كىرگەن يىلى مەن شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، ئائىلىمىزدىكى بىرىنچى كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، پۈتۈن ئائىلىنىڭ پەخرىگە ئايلاندىم.

  پارتىيەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتىشتۈرۈشىدە، مەن بىر ئوقۇتقۇچىدىن ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم. بالىلىقىمنى ئەسلىگىنىمدە، دادام قىلچە ئىككىلەنمەي مېنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى تەربىيەسىگە ئىگە قىلىپ، مېنى كىچىكىمدىن باشلاپلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن تاۋلىغانىدى. ئېسىمدە چوڭقۇر قالغىنى شۇكى، كىتاب ئوقۇغان ئاۋاز ياڭرىغان مەكتەپ ھويلىسىدا، مەن ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ساداسى ئىچىدە، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدا قانچە قېتىملاپ ھۆرمەتتە تۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ھەمىشە پۈتۈن جىسمىم غەيرەتكە تولغاندەك ھېس قىلاتتىم؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئوقۇغىنىمدا، مەن ھەمىشە كۆز يېشىمنى توختىتالمايتتىم؛ پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىگەنلىكى، ۋەتەننىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، مەن ھەمىشە چەكسىز ھاياجانلىنىمەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كىچىكىمدىن تارتىپ، مەن روھىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى تىكلىگەنىدىم، بۇ خىل ئېتىراپ قىلىش چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، چىن قەلبىمدىن چىققان، تەۋرەنمەيدىغان ئېتىراپ قىلىشتۇر.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىپ، قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى، ھادىسىدىن تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر يۈرۈش مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش مۇساپىسىدە، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان توسالغۇغا ئايلاندى، ئۇلار ئەتراپىمىزدىكى ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەندۇر. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سىياسىي ئىنتىزامنى قاتتىق چىڭىتىپ، سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، باشتىن- ئاخىر سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرىلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر ۋاقىت مۇقەددەس بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمەت ئورنىنى بازا بىلىپ ساقلاشتا، خىزمەتنى كەسىپ بىلىپ ئىشلەشتە، تۆھپە قوشۇشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تەدبىرلەرنى جايىدا تەشۋىق قىلىپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئادىل بولغان داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش كاپالىتىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى