تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەرگە جاۋاب خەت يازدى

شى جىنپىڭ «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ

ئۇلارنى تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى جەڭچى بولۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ پېچىدا قىزغىن ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 71-جىتۈەنجۈن مەلۇم لۈسىنىڭ «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىشقا، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى جەڭچى بولۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ پېچىدا قىزغىن ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشكە ئىلھاملاندۇردى ھەم جەڭچىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. جاۋاب خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  «ۋاڭ جيې بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەر:

  ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بىر يىل ئىلگىرى بىز بىللە پىكىر ئالماشتۇرغاندىكى سۈرەتنى كۆرۈپ، ئەينى چاغدىكى مەنزىرە كۆز ئالدىمدا قايتا نامايان بولدى. سىلەرنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋاڭ جيې روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى، ئەلا نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، سىلەر ئۈچۈن خۇش بولدۇم.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئاساسىي قاتلامدا زور ئىستىقبالغا ئىگە. سىلەرنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، يەنە ئەلا نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ ياخشى جەڭچىلىرىدىن بولۇپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ پېچىدا قىزغىن ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چاغان كېلەي دەپ قالدى، مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەردىكىلەرگە چاغانلىق سالام يوللايمەن ۋە گۈزەل تىلەك تىلەيمەن.

  شى جىنپىڭ             

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى

  رەئىس شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر ئاساسىي قاتلامغا رىشتە باغلىدى، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە مۇھەببەت باغلىدى. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ 71-جىتۈەنجۈننى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئۇلۇغ كوممۇنىزم جەڭچىسى يولداش ۋاڭ جيې ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەنگە ئالايىتەن كېلىپ، «ۋاڭ جيې بەنى»گە چوڭقۇر چۆكۈپ سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پۈتۈن بەندىكى يولداشلارنى شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرغانىدى. باش قوماندان ئەسكەرلەرنىڭ غېمىنى يەيدۇ، ئەسكەرلەر باش قومانداننى سېغىنىدۇ، باش قوماندان ئەسكەرلەر بىلەن قەلبداش. يېقىندا «ۋاڭ جېي بەنى»دىكى بارلىق جەڭچىلەر تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىلگىرىلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى دوكلات قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىش ئىرادىسى ۋە پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.