تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. چاغان ئالدىدا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ۋە ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىت، نەيىم ياسىن، بادەي، جانابىل ئىسماقۇل، ئەسقەت كەرىمباي، جاڭ سىشۆ، قېيۇم باۋۇدۇن، جاڭ شيۇمىڭ، فۇ چياڭ، شيې فۇپىڭ، ماھىنۇر قاسىم، تۆربايىر، ئامىنە غاپپار، يۈسۈپ مۇھەممىدى، خوجىخان ھاكىموف، قادىس جانابىل، خەلچەم ئىسلام، مىجىت ناسىر، لى فېڭزى، جاڭ خېڭ، ما جيەنگو، ۋاڭ خۇەييۈ، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، ئاسانبېك تۇردى، دۇ چىنرۈي، جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، جاڭ يى، دىيار قۇماش، فېڭ داجېن، ۋېن كېشياۋ، ۋۇ جياخې، ۋاڭ يوۋسەن، يۈسۈپ ئەيسا، ۋاڭ خەنرۇ، شيې جىچياڭ، لى دۇڭخۈي، غوپۇر ئابدۇللا، جاڭ گۈيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، پاشا ئىشان، ۋۇ دۇنفۇ، شيۇڭ خۈييىن، ياۋ يۇڭفېڭ، جياڭ شەن، سېرجە، جۇ جېنجۇڭ، خۇاڭ چاڭيۈەن، شارىپقان كەرىم، مەمەتجان ئەمەت، ۋاڭ ۋېي، ليۇ ياۋخۇا، قىزايجان سېيىلقوجا، كې لى، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، بەي جىجيې، ماۋكەن سېيىتقامزا، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، يۈ شيۇدۇڭ، كادىرقان مىراسقان، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، قۇربان روزى، روزى ئىسمائىل، مەمەت يۈسۈپ، قاسىم مامۇت، نىشان ئىبراھىم، چېن جىنچى، جاۋ شياڭۋا، ۋاڭ جىۋېن، لى گۇيماۋ، ياڭ جاۋجى، جاڭ جىشۈن، مەمەتروزى سەپەر، جاڭ گۇاڭخەن، دۇ خۇڭجيەن قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلار ھەمدە قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى ۋە قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنى يوقلىدى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلدى، كۆپچىلىككە سەمىمىي بايراملىق سالام يوللىدى، كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا چىن قەلبىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەربىي رايون ۋە بىڭتۈەندىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» سەككىز خەتلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئاتتى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ باشلىنىشى ياخشى بولدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ يېڭى قەدەم تاشلاندى. بۇ نەتىجىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلىشىدىن، رولچى بولغانلىقىدىن كەلگەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى شانلىق نۇرىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن كەلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن كەلگەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىدىن كەلگەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلقنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن. كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال- خۇرام ئۆتۈشىگە، تېنىنىڭ ساغلام، ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا سەمىمىي تىلەكداشمىز، كۆپچىلىكنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى قوللاپ، ئەۋزەللىكىنى ۋە رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  پېشقەدەم يولداشلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈرۈشتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈرۈشتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى داۋاملىق تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.