تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

  شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

  كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىغا چاغانلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى

  ھەر مىللەت خەلققە بەخت، ئامانلىق، سالامەتلىك تىلىدى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە ئاۋاتلىق، بەخت-سائادەت تىلىدى

  خەن جېڭ تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

  2- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئاساسي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە، 2- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ چيەنمېن شەرقىي رايونى ساۋچاڭ سىتياۋ خۇتۇڭ 32- نومۇرلۇق قورۇدا، خۇشال ھالدا بىر پارچە «بەخت» خېتىنى ئېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئىشىككە چاپلاپ، بۇ يەردىكى كونا قوشنىلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  2- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئاساسي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى تەكشۈردى. سۈرەتتە، 2- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ دۆلەت قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزىدە مەشىق قىلىۋاتقان، مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلارنى ئىلھاملاندۇردى.

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

   بىر شەھەرنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرى، مەدەنىيەت ئاسارئەتىقىلىرى، ئادىمىيەت ئاساسى ــــ شەھەر ھاياتىنىڭ بىر قىسمى. مەدەنىيەت ئاساسى ۋەيران بولسا، شەھەرنى قانچە يېڭى، قانچە ياخشى قۇرغان بىلەنمۇ، ھاياتىي كۈچى كەمچىل بولۇپ قالىدۇ. كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەم ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ھەم تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى قوغداپ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كېرەك.

  ■  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش تەستە قولغا كەلدى، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈكسەك ئۇيغۇن كېلىدۇ، يېڭى دەۋردىكى بېيجىڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. بېيجىڭ خەلقئارادا يازلىق ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن بىردىنبىر «قوش ئولىمپىك شەھىرى» بولۇپ قالغۇسى. بىزنىڭ گېپىمىز گەپ بولۇشى، ئىشىمىز نەتىجىلىك بولۇشى، پۇختا خىزمەت قىلىشىمىز، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىشىمىز، ماھارەت مۇسابىقىسىدە مېدال ئېلىشىمىز، شۇنداقلا روھىي مېدال، پاك مېدال ئېلىشىمىز، دۇنياغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىزنى نەقلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا، چوقۇم بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىر تۇتاش يولغا قويۇپ، بېيجىڭ بىلەن خېبېينىڭ قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ــــ دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغان يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى تەكشۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى، ھەر مىللەت خەلققە بەخت، ئامانلىق، سالامەتلىك تىلىدى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە ئاۋاتلىق، بەخت - سائادەت تىلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  قىشتىكى بېيجىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى. 2- ئاينىڭ 1- كۈنى، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سەي چى ۋە شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئورگان، مەھەللە، قىشلىق مەشىق مەركىزىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە سالىمىنى يەتكۈزدى.

  چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە كېلىپ، بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزى ۋە قوماندانلىق زالىغا كىرىپ، چوڭ ئېكران ئارقىلىق خىزمەتلەرگە قوماندانلىق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چارلاش ساقچى ئىشلىرى، سىن ساقچى ئىشلىرى، رايون ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقى ۋە بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ساقچى ئىشلىرى ماس تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەت ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. قوماندانلىق زالىدا شى جىنپىڭ سىن ئارقىلىق بىرىنچى سەپتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارغا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى، سالامەتلىكىنى ئاسراشنى تاپىلىدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى قەۋەتتىكى زالىدا، شى جىنپىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىدىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلار ۋە كادىر - ساقچىلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايرام مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەت، بولۇپمۇ پايتەخت رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى تىنچ - ئامان ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پايتەختنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ۋەزىپىسى مۈشكۈل. ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىش، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

  چاغان ئالدىدا، بېيجىڭ شەھىرىدە چاغان پۇرىقى بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، چوڭ- كىچىك كوچىلارغا پانۇس ۋە رەڭلىك لېنتىلار ئېسىلىپ، ھەممە ئائىلە چاغاننى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋالماقتا ئىدى. شى جىنپىڭ چيەنمېن شەرقىي رايونىغا كېلىپ، ساۋچاڭ سىتياۋ خۇتۇڭنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، كوچىلارنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، رايون يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، كوناشەھەرنى قوغداش، تارقاقلاشتۇرۇش - بوشىتىش - قايتۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. چيەنمېن شەرقىي رايونى بېيجىڭ كوناشەھىرىنىڭ مۇھىم تارىخىي تەۋەلىك رايونى بولۇپ، بېيجىڭدىن ئىبارەت بۇ 1000 يىللىق قەدىمىي پايتەختنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. شى جىنپىڭ بېيجىڭنىڭ كوناشەھەرنى قوغداش - تۈزەشنى قانات يايدۇرۇشتىكى پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر شەھەرنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرى، مەدەنىيەت ئاسارئەتىقىلىرى، ئادىمىيەت ئاساسى ــــ شەھەر ھاياتىنىڭ بىر قىسمى. مەدەنىيەت ئاساسى ۋەيران بولسا، شەھەرنى قانچە يېڭى، قانچە ياخشى قۇرغان بىلەنمۇ، ھاياتىي كۈچى كەمچىل بولۇپ قالىدۇ. كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تارىخىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەم ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ھەم تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى قوغداپ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كېرەك. كونا بېيجىڭنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلىكى ــــ خۇتۇڭ، خۇتۇڭنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەر ئەسلىمىلىرىنى ساقلاش، كىشىلەرنىڭ ئېسىدە يۇرت سېغىنىشىنى قالدۇرۇش كېرەك.

  ساۋچاڭ خۇتۇڭىنىڭ ئىلگىرىكى ئولتۇراقلىشىش شارائىتى بىرقەدەر ناچار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، «كونا بېيجىڭنىڭ يېڭى قىياپىتى، كونا خۇتۇڭنىڭ يېڭى تۇرمۇشى» نامايان قىلىندى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قورۇغا كىرىپ، كوناشەھەر رايونى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، قىشتا نېمە بىلەن ئىسسىنىۋاتقانلىقىنى، ھەر ئايلىق توك پۇلىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، چاغانلىق بۇيۇملىرىنىڭ تەق بولغان - بولمىغانلىقىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئاھالە خوۋ يامىڭ نەق مەيداندا بىر پارچە چۈنليەن يېزىپ، باش شۇجىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ خۇشال ھالدا بىر پارچە «بەخت» خېتىنى ئېلىپ، ئۆزى ئىشىككە چاپلاپ، بۇ يەردىكى كونا قوشنىلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىلىدىغىنى ـــــ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش. جۇ ماۋجىننىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە جياۋزى تۈگۈپ، گېجا پىشۇرۇپ، كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى. كۆپچىلىك باش شۇجىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كوناشەھەر رايونى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ كومپارتىيەگە چىن كۆڭلىدىن تەشەككۈر بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كوناشەھەر رايونى ۋە كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىشى كۆپچىلىكنىڭ تۇرالغۇسىنى تېخىمۇ راھەت، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ، كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، كۆپچىلىكنى خۇتۇڭدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، زامانىۋى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر.

  ساۋچاڭ سىتياۋدىكى «كىچىك ھويلا كېڭىشىش زالى» ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتى ــــ مەھەللە ئاممىۋى ئىشلىرىنى كېڭىشىش سۇپىسى بولۇپ، مۇھىم مەھەللە مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى زىممىسىگە ئالغان. شى جىنپىڭ بۇ خىل ئۇسۇلنى ئالقىشلىدى. شى جىنپىڭ كېڭىشىۋاتقان ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بىرلىكتە ئەسلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «كىچىك ھويلا كېڭىشىش زالى» تەسىس قىلىپ، «ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئاھالىلەر كېڭىشىش، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئاھالىلەر بېكىتىش» ــــ مەھەللە ئاھالىسىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە باش قەھرىمانلىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، مەھەللىنى ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەتنى دەل جايىدا قىلىش، ئىنچىكە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. شى جىنپىڭ بۇ يەردىكى كونا قوشنىلارنىڭ يېڭى تۇرمۇش مۇھىتىغا ماسلىشىپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە مۇھىت تازىلىقىنى ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتىغا كېلىپ، كوچا، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا رىشتە باغلاپ، كۆپچىلىكنىڭ تىنچ، ئىناق چاغان ئۆتكۈزۈشىگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ساۋچاڭ سىتياۋ خۇتۇڭدىن چىققاندا، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر كوچىغا لىق تولغانىدى، كۆپچىلىك قىزغىن چاۋاك چېلىپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق تىلەك تىلىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، دۆلەتنىڭ كۈندىن - كۈنگە گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، خەلقنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىناق بولۇشى، ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، چاغىنىنىڭ خۇشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى! شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئايرىلىدىغان چاغدا، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپى ئامما بىلەن لىق تولدى، كۆپچىلىك قىزغىن تەنتەنە قىلدى ۋە چاۋاك چالدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە ئارقا- ئارقىدىن قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.

  قايتىش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ ۋاقتىنچە ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، يول بويىدىكى بىر كىچىك ئاشپۇزۇلغا كىرىپ، دۇكان ئىگىسى ۋە خېرىدارلار بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى، تىجارەتنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى، يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلىدىغانلىقى، تەمىنىڭ قانداقلىقىنى ئىگىلىدى ھەم ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ روناق تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ يان تەرەپتىكى بىر تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت نۇقتىسىغا كېلىپ، تېخىچە خىزمەت قىلىۋاتقان «تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى»لەرنى يوقلىدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، خىزمەت قىلىۋاتقان «تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى»لەر ئىنتايىن ھەيران قالدى ۋە خۇش بولدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى ھەم ئۇلارنىڭ چاغىنىغا خۇشاللىق تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى»لەرنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ ياتىدۇ، ئۇلارنى بوران - چاپقۇنلارمۇ توسۇيالمايدۇ، ئۇلار بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، خۇددى ئىشچان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش ئەڭ تىرىشچان ئەمگەكچىلەر بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق ئېلىپ كەلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ شىجىڭشەن پايتەخت پولات - تۆمۈر گۇرۇھى باش شىركىتى رايونىغا كەلدى. پايتەخت پولات - تۆمۈر گۇرۇھى باش شىركىتى شىجىڭشەن پولات - تۆمۈر ئاساسىي ئىش ھالقىسىدا ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتى مۇشۇ يەرگە ماكانلاشقان. شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى، مەيدان، ساراي ۋە ئۇل ئەسلىھە يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ كۆزدىن كەچۈرۈش، سوراش ئارقىلىق تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر چوڭ ئىشى. يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەيدان، سارايلاردىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش مەسىلىسىنى تولۇق ئويلىشىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تۈرلۈك تەييارلىق كۆرۈش ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش كېرەك.

  يەنچىڭ مۇسابىقە رايونىدىكى مەيدان، سارايلار چىڭ تۇتۇپ سېلىنىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ سىن ئارقىلىق مەيدان، ساراي قۇرغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى ھەم قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەيدان، ساراي قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق قۇرغۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەيدان، ساراي قۇرۇلۇشى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشتە ئەڭ مۇھىم. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزىپ، مەيدان، سارايلارنى يېڭىدىن سېلىش، ئۆزگەرتىشنى ۋە مۇھىم، زور يانداش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇشنى قەرەلىدە، سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەن- تېخنىكا، ئەقىل- پاراسەت، يېشىل، تېجەشلىك بولۇش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىلغار پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسارئەتىقىلەرنى قوغداپ، جۇڭگو ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ خىزمەت بىناسىدا، شى جىنپىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش تەستە قولغا كەلدى، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈكسەك ئۇيغۇن كېلىدۇ، يېڭى دەۋردىكى بېيجىڭنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. بېيجىڭ خەلقئارادا يازلىق ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن بىردىنبىر «قوش ئولىمپىك شەھىرى» بولۇپ قالغۇسى. بىزنىڭ گېپىمىز گەپ بولۇشى، ئىشىمىز نەتىجىلىك بولۇشى، پۇختا خىزمەت قىلىشىمىز، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىشىمىز، ماھارەت مۇسابىقىسىدە مېدال ئېلىشىمىز، شۇنداقلا روھىي مېدال، پاك مېدال ئېلىشىمىز، دۇنياغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىزنى نەقلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش بېيجىڭ- تيەنجىن- خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا، چوقۇم بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىرتۇتاش يولغا قويۇپ، بېيجىڭ بىلەن خېبېينىڭ قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ دۆلەت قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزىگە كېلىپ، قىسقا يولدا تېز تېيىلىش سارىيىنىڭ كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ تېز تېيىلىش، پىگورا چىقىرىپ تېيىلىش تۈرلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئاندىن سارايغا كىرىپ، دۆلەت تېز تېيىلىش كوماندىسى، پىگورا چىقىرىپ تېيىلىش كوماندىسىنىڭ مەشىق، مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇز ئۈستىدە تەرگە چۆمۈپ، مۇسابىقىگە جاپالىق تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ رازىمەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇلارغا ئىلمىي مەشىق قىلىش، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى تاپىلىدى. شى جىنپىڭ مۇزچەينەك سارىيىغا پىيادە بېرىپ، دۆلەت مۇزچەينەك كوماندىسىنىڭ مەشىق، مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس- بەس بىلەن كېلىپ چۆرىدەپ تۇردى. شى جىنپىڭ ئۇلارنى ئىختىساسلىقلارنى ياخشى تاللاپ يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ قازىنىش شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئەلا نەتىجە يارىتىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جاپالىق مەشىق قىلىپ، مۇسابىقىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تەييارلىق كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، تىرىشىپ يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. مۇزچەينەك سارىيىنىڭ ئالدى زالىدىكى قۇم مودېلدا، پايتەخت پولات- تۆمۈر گۇرۇھى باش شىركىتى شىمالىي رايونى ۋە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قار تېيىلىش سەكرەش سۇپىسىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ئەھۋالى نامايان قىلىنغان بولۇپ، شى جىنپىڭ كۆرگەچ سوئال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەنتەربىيە كۈچلۈك بولسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، دۆلەت كۈچلۈك بولسا تەنتەربىيە كۈچىيىدۇ. تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قەلب ۋە روھنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەنتەربىيە ئەخلاق- پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندا، شى جىنپىڭ تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار ۋە خىزمەتچى خادىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلاشتى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۈنلەن ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆزدىن كەچۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.