تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جىڭ ناھىيەسىدە ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىرلىكتە گۈللۈك موما پىشۇرۇپ چاغاننى كۈتۈۋالدى‏

  مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەن شياۋلۇڭ فوتوسى: 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرىنىڭ شاشەنزى مەھەللىسىدىكى 40 ياشلىق چېن رۇڭخۇانىڭ ئۆيى قىزىپ كەتتى، ئۈستەلدىكى نەچچە ئون تەخسىگە ھەر خىل شەكىلدىكى رەڭگارەڭ مومىلار تىزىلغانىدى. چېن رۇڭخۇا كۈلۈپ تۇرۇپ: «يامان ئەمەس، خېلى ئوخشاپتۇ، بىر كۈنلۈك ئەجرىمىز بىكارغا كەتمەپتۇ، كۆپچىلىك تېز تېتىپ بېقىڭلار» دېدى.

  زويا سۆسۈن «ئەتىرگۈل» نى بىر چىشلەپ تېتىپ، خۇشال ھالدا: «رۇڭخۇا سىڭلىم ياخشى ئۆگەتكەنىدى، مەن پىشۇرغان موما مەززىلىك ھەم تاتلىق پىشىپتۇ»، دېدى. دەنۋۇيا بىر كىچىك «ئالتۇن يامبۇ» قولىغا ئېلىپ، ئاغزىنى ئۇچلاپ ئەركىلەپ تۇرۇپ: «مەن بۇنى ياخشى كۆردۈم» دېدى، باشقا ئاچا-سىڭىللار قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

  خەن شياۋفاڭ، چۈ فاڭ، لائاۋتېخا، دەنۋۇيا، زويالار مەھەللىدىكى قولى ئەپچىل ئاياللار، ئۇلار ئىزچىل چېن رۇڭخۇانىڭ موما پىشۇرۇش ئۇسۇلىغا ھەۋەس قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن، چاغان كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇلار ھەممىسى كېلىشىپ بىرلىكتە چېن رۇڭخۇادىن موما پىشۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولدى. چېن رۇڭخۇا بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال ھالدا: «ئىلگىرى ئۆزۈم يالغۇز قىلاتتىم، ھازىر كۆپچىلىك ئۆگىنىشنى خالىسا، مەن چاغان كېلىشتىن بۇرۇن كىچىك دەرسخانا ئاچاي، ئاچا-سىڭىللار ھەممىسى كېلىپ ئۆگىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۆگىتىپ قويسا بولىدۇ. مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق بۇ ھۈنەرنى كېيىنكىلەرگە ئۆگىتەلىسەم، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدۇ» دېدى.

  «چاغاننى مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىمەن، قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك  ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىمىز. بۇ ھۈنىرىم قوشنىلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى، جۇڭخۇا تائاملىرى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتا رول ئوينىسا، تېخىمۇ ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى چېن رۇڭخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى