پەن-تېخنىكا گېزىتى خەۋىرى: كامبرىج داشۆسىنىڭ تەتقىقات ئۆمىكى كېيىنكى ئەۋلادنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋپ-خەتەر ئامىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، بوغاز قويغا مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە ئىشلىگەن، بالىياتقۇدا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھامىلىدارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى .
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بالىياتقۇسىدا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن بوغاز قوينى ئوكسىدلىنىشقا قارشى داۋالىغاندا، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ھايۋانلار ئۈستىدە ئىشلەنگەن تەجرىبە نەتىجىسى تۆرەلمىنىڭ ئانا تېنىدە ئۇچرىغان تەسىرىنىڭ راستىنلا كەلگۈسىدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىلەن باغلىنىشلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، بەلكى يەنە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك داۋالاشنى ۋاقتىدا قىلغاندا، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى ھەتتا ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
بۇ تەجرىبە دوكلاتىنىڭ ئاپتورى، كامبرىج داشۆسىنىڭ پروفېسسورى دىنو جۇسانى مۇنداق دېدى: بۇ تەتقىقات يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىساد ۋە ساغلاملىق بېسىمىنى يەڭگىللىتىشنى ئويلىشىپ، داۋالاشقا قارىغاندا، ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، بۇنىڭدىن سىرت، كېسەل پىشىپ قايتا داۋالاشقا ئىمكانىيەت قالمىغاندا داۋالىغاندىن، بەلكى ئامال بار كېسەللىك قوزغالغان دەسلەپكى مەزگىلدە داۋالاش لازىملىقىنى كۆرسەتتى. (مەختۇمە ئەخمەت تەرجىمىسى)