تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە...

    ئامېرىكا دۇكې داشۆسىنىڭ بىر يېڭى تەتقىقاتىدا مەلۇم بولۇشىچە، ياشانغانلار بىر مەزگىل ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە، ياشنىڭ چوڭىيىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پىكىر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ئەھۋالىنى ياخشىلىغىلى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، چوڭ مېڭىنى ياشارتقىلى بولىدىكەن.
    تەتقىقاتچىلار 90~80 ياشتىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان 160 بىمارنى تۆت گۇرۇپپىغا ئايرىغان. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر قوبۇل قىلىدىغان تۇز، ياغ، قەنتنىڭ مىقدارى ئازايتىلىپ، قوبۇل قىلىدىغان كۆكتات ۋە مېۋىنىڭ مىقدارى كۆپەيتىلگەن؛ ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر تەنھەرىكەت پىلانىنى ئىجرا قىلغان. ئالدىنقى ئۈچ ئايدا، ھەر ھەپتىدە چېنىقىش ئۆيىدە ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلغان، كېيىنكى ئۈچ ئايدا ئۆيىدە تەنھەرىكەت پىلانىنى تاماملىغان. ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت  بىلەن ساغلام بولغان يېمەك-ئىچمەكنى بىرلەشتۈرۈش پىلانىنى سىناپ باققان؛ تۆتىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر پەقەت يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى ۋە پىكىرىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە يېمەك-ئىچمەك ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتى ئۆزگەرتىلمىگەن. تەجرىبە باشلىنىشتىن ئىلگىرى ۋە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار تۆت گۇرۇپپىدىكى تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىلىش ئىقتىدارى سىنىقى، جىسمانىي كۈچ سىنىقى ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇلارنىڭ قان بېسىمى ۋە قان شېكىرى قىممىتىنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە مەلۇم بولۇشىچە، ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلمىغان گۇرۇپپىدىكىلەرگە قارىغاندا مەلۇم تۈردىكى ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ساغلام غىزالانغانلار گۇرۇپپىسى ۋە ھەرىكەت قىلمايدىغانلار گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئىقتىدارىدا كۆرۈنەرلىك پەرق بولمىغان. ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلغان ھەم ساغلام غىزالانغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئىجرا قىلىش ۋە پىكىر قىلىش ئىقتىدارى سىنىقىدا ئېرىشكەن نومۇرى ئەڭ يۇقىرى بولغان. بۇ گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېشى ئەمەلىي يېشىدىن توققۇز ياش ئەتراپىدا ياشارغان.
    تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، چوڭ مېڭە ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن. ئەگەر بۇ خىل بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتىنى ئۇدا 18 ئاي داۋاملاشتۇرغاندا، ئىجرا قىلىش، پىكىر قىلىش ۋە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.


«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى