تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئابلىمىت ھۈسەن

  پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىلللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار. مەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە زەربە بېرىشتىكى مۇھىم قورال قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ھالاك بولمىغىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشنى توختاتمايمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوقالمىغىچە شەمشەرنى غىلاپقا سالمايمەن.

  شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس. شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۆڭۈل بولدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆردى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تارىخقا توغرا قاراپ، مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسنى چىڭ ساقلاپ، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

  مەن كىچىكىمدىن كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان چوڭ قورۇدا چوڭ بولدۇم. بىز ھەر مىللەت كىچىك دوستلار ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندا بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەيتتۇق، قۇم خالتا ئېتىشىش قاتارلىق ئويۇنلارنى بىللە ئوينايتتۇق، بىز پۇتۇڭخۇادا پىكىر ئالماشتۇراتتۇق، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، قېرىنداشلاردەك ئۆتەتتۇق. ھېيت-بايراملاردا، قوشنىلار بايرامنى بىرلىكتە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەتتۇق. مەن كىچىكىمدىن تارتىپلا مۇشۇنداق ئىتتىپاق-ئىناق، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان قويۇق كەيپىياتتا چوڭ بولدۇم. داشۆدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ۋە خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار، ئوقۇتقۇچىلار، خىزمەتداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ياردىمىدە، مەن ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتىم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەشكىلنىڭ يېتىشتۈرۈشىدە، مەن تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقتىم، بۇنىڭغا پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە تەشكىلنىڭ ئىللىقلىقى مۇجەسسەملەنگەن. مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولمايتتى، بىز ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمايتتى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئاڭلىق ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئەتراپىمدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋە دوستلىرىمنى تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاق-ئىناق، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بۇ زىيانداش يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ. بىزنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرىشىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر. «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، كۆپ قېتىم پاجىئەلىك دېلو سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىگە زور زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. كەسكىن، مۇرەككەپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ئالدىدا، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تەشەببۇسكارلىق جېڭى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭ»نى ياخشى قىلىش كۈرەش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدىكى سىياسىي ئىرادىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرىمەن، باتۇرلۇق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يالغان سەپسەتىلىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، تەنقىد قىلىپ، ئاممىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرىمەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، ۋاھالەنكى، بىزنىڭ كادىرلار قوشۇنىمىزغا ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولىدىغان، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ھېلىھەم يوشۇرۇنغان. بۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بىر ئېقىندا بۇلغىنىپ، ئېغىز-بۇرۇن يالاشتى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول بولۇپ، خەۋپى ئىنتايىن زور. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىق، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قىلچە يۈز-خاتىر قىلماي «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللارنى قەتئىي پاكىز تازىلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى