تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«جۇڭگو تەجرىبىسى بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن»

  مىسىر تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئېكسكۇرسىيە، زىيارەتتە بولدى

  مۇخبىرلىرىمىز لى چۈنشيا، گاۋ ۋا

  كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ ئۆتمۈشىدىن بۈگۈنىگىچە بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلەش، كەنت قۇرغان زاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەمچىلەرنى زىيارەت قىلىش... 1- ئاينىڭ 25- كۈنى، مىسىر تاراتقۇلىرىنىڭ يەتتە مۇخبىرى قەشقەرگە كېلىپ، ئىككى يېرىم كۈن ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. ئۇلار بىردەك مۇنداق قارىدى: قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدىكى نۇرغۇن جۇڭگو تەجرىبىسى ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 1- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 31- كۈنىگىچە، مىسىر تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەن.

  1- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە، مىسىر تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يېڭىشەھەر ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى، قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە كەلدى، ئۇلار دەرسخانىغا كىرىپ نەق مەيداننى كۆردى، تەنتەربىيە مەيدانىدا تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن بىللە توپ ئوينىدى، ياتاققا، ئاشخانىغا كىرىپ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ئۇسسۇل سىنىپىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن بىللە خۇشال مەشرەپ ئوينىدى. ئانىقىز ئىسىملىك بىر تەربىيەلەنگۈچى مىسىر تاراتقۇ مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ بىر مەزگىل دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى، تەربىيەلەش مەركىزىدە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ۋە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكى، يەنە تىككۈچىلىك ماھارىتىنى ئۆگەنگەنلىكى، كەلگۈسى تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولغانلىقىنى ئېيتتى. «مەن يولنى خاتا ماڭغانىدىم، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانىدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى قۇتقۇزۇۋالدى» دېدى ئانىقىز پۇتۇڭخۇا بىلەن ئۈنلۈك ئاۋازدا.

  «ئۇسسۇل ئوينىغان تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ چىرايىدىن، مەن خۇشاللىق جىلۋىسىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىنى كۆردۈم. تەربىيەلەنگۈچىلەر تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتىمىز ناھايىتى ياخشى دېدى، ئۇلار كاللىسىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىپتۇ، يەنە ماھارەت ئىگىلەپ، زور ھاسىلاتقا ئېرىشىپتۇ. كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم ماڭا شۇنى بىلدۈردىكى، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشى توغرا بوپتۇ، جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۇسۇلى ئۆزگىچە ئىكەن، بۇ خىل جۇڭگو تەجرىبىسى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە، ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن» دېدى «ئەلئېھرام گېزىتى»نىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى كامال جابرا.

  «بۇ يەردە كۆرگەنلىرىم بۇنىڭدىن ئىلگىرى غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلغىنىغا تامامەن ئوخشىمايدىكەن.» «ئەلئېھرام گېزىتى»نىڭ مۇدىر مۇھەررىرى ماشىر مۇكاراد مۇنداق دېدى: «مەن بەزى تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم، ئۇلار ماڭا تەربىيەلەش مەركىزىدە مۇنتىزىم ئۆگىنىشتىن سىرت، يەنە تۈرلۈك دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پۇقرالىق ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى».

  «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئابدۇلخەلىم بىر تەرەپتىن ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم دۇنياۋى ئورتاق خەۋپ بولۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىپلا قالماي، پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ناھايىتى زور خەۋپ يەتكۈزدى. جۇڭگونىڭ ئۇسۇلى ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىشتىن تارتىپ يىلتىزىدىن تۈزەشكىچە بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ئېلىپ كېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى پائال ئىزدىنىش بىلەن تەمىنلىدى.

  مىسىر تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ھېيتگاھ مەسچىتى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى كەنت قۇرغان زاۋۇت، كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى مىللىي چالغۇلار كەنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كەنتتە قۇرۇلغان زاۋۇتتا، نىل دەرياسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى نەرمىن خەلىل، ئوپېراتور خامۇدى ئىمام بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان بىرنەچچە كەنت ئاھالىسىنى قىزغىنلىق بىلەن زىيارەت قىلدى، «بۇ يەردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، باھاسىمۇ مۇۋاپىق ئىكەن، بەزى مەھسۇلاتلار يەنە چەت ئەلگە سېتىلىدىكەن. دېھقانلار يىراققا بارمايلا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپتۇ، بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىپتۇ، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم تەجرىبە» دېدى نەرمىن.

  «قەشقەرنىڭ ناھايىتى ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.» ئىككى يېرىم كۈنلۈك قەشقەرنى ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت قىلىش سەپىرى ئاخىرلاشتى، مىسىر ئاخبارات باش مەھكىمىسىنىڭ مۇھەررىرى ئادىل ئەلى پۇخادىن چىقمىدى، «ھەربىر بارغان جايدا، كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن كۈلكە تۆكۈلۈپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ كۈلگەن چىرايى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى شادلىققا، بەختكە، پائال ئىنتىلىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلار كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشىلاپتۇ، شۇنداقلا بۇ دۆلەتنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇپتۇ، تېخىمۇ گۈللەندۈرۈپتۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى