تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تورغات چېگرا پورتىدىكى «ئاۋانگارت ئەسكەر»لەر

  مۇخبىرلىرىمىز يىن شياۋجۈن، خې لىڭ

  1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، دېڭىز يۈزىدىن 3795 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تورغات تاغ ئېغىزىدا قەھرىتاندىكى سوغۇق شامال قارلارنى ئۇچۇرۇپ تۇراتتى.

  شىنجاڭ تورغات چېگرادىن كىرىپ - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىدىكى خەلق ساقچىسى دېڭ جاۋخۈەي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى، تەكشۈرۈش تەرتىپى بويىچە، دۆلەت دەرۋازىسىدىن كىرىپ - چىقىۋاتقان ئاپتوموبىللارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈۋاتاتتى.

  ئانچە يىراق بولمىغان جايدا جۇڭگو - قىرغىزىستان چېگراسىنىڭ 51- نومۇرلۇق چېگرا تېشى بار ئىدى. ھالبۇكى بۇ جاي ئىلگىرى يىپەك يولىدىكى بىر مۇھىم ئېغىز ئىدى.

  بىز مامۇق چاپان كىيىۋالغان بولساقمۇ، دېڭ جاۋخۈەي قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ بىر قانچە مىنۇت مېڭىپلا سوغۇق دەستىدىن تىترەپ كەتتۇق. ئەمما دېڭ جاۋخۈەي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن كەچ سائەت 7گىچە خىزمەت قىلاتتى. ئاپتوموبىللار كۆپ ۋاقىتلاردا ھەتتا كەچ سائەت 10غىچە ئىشلەيتتى.

  بىز نەق مەيداندا دېڭ جاۋخۈەي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋاقىتلىق ئارام ئالىدىغان جاينى كۆردۇق، ئۇ بىر يۈك ساندۇقىدىن ئۆزگەرتىلگەن قاڭالتىر ئۆي بولۇپ، ئانچە- مۇنچە شامال توسقاندىن باشقا، ئۆي ئىچى يەنىلا قاتتىق سوغۇق ئىدى.

  ئالدىنقى قاراۋۇل بەنى تورغات پورتىدىكى «ئاۋانگارت ئەسكەر» بولۇپ، ئۇلار قىرغىزىستاندىن جۇڭگوغا كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنى تۇنجى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل، ھەركۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 تىن ئارتۇق يۈك ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرىدىغان ئاپتوموبىللار ئەڭ كۆپ بولغاندا 270 كە يېتىدۇ.

  دېڭ جاۋخۈەي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئاپتوموبىللارنى جىددىي تەكشۈرۈۋاتقاندا، ئۇلاردىن تۆت كىلومېتىر يىراق جايدىكى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش چوڭ زالىدا، ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىدىكى خەلق ساقچىسى جاڭ چياڭ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھەرخىل تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ، چېگرادىن كىرگەن خادىملار ۋە ئاپتوموبىللارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللار، يەنە 109 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن تورغات پورتىغا بېرىپ تاموژنىدىن ئۆتەتتى.

  ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىدىكى 20دىن ئارتۇق خەلق ساقچىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ بىر ئاي خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ئاندىن نۆۋەت ئالمىشىدۇ.

  چېن شىنگو تورغات چېگرادىن كىرىپ-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ سەنمۇجاڭى، بۇ ئايدا ئۇ دەل ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىدە بەنگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 14 يىل بولغان بولۇپ، ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىنىڭ جاپالىق مۇھىتى ئۇنىڭغا ناھايىتى تونۇشلۇق ئىدى. «بۇ يەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ئاران نۆلدىن تۆۋەن 4 سېلسىيە گىرادۇس، ھاۋادىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىككە قارىغاندا %40 ئاز، تومۇز، ياز ۋاقىتلاردىمۇ، بۇ يەردە دائىم قار لەپىلدەپ ئۇچۇپ تۇرىدۇ» دېدى چېن شىنگو.

  31 ياشلىق لۈ شياۋپېڭ تورغات چېگرادىن كىرىپ-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى. مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئىشلەۋاتقىلى قانچە يىل بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خىزمەت قىلغان ۋاقتىم قىسقا، ئاران يەتتە يىل بولدى». لۈ شياۋپېڭ ئارقىدىنلا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئالدىنقى قاراۋۇل بەنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان دېلولار كۆپ ئازايدى، بىزنىڭ قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە پۇختا، ئىنچىكە خىزمەت ئىشلىشىمىزدىن چۆچۈتۈش كۈچى شەكىللەندى، يامان نىيەتلىك كىشىلەر بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، نىيىتىدىن ياندى».

  ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىنىڭ ئۇنىۋېرسال بىناسىغا كىرگەندە، «جاپانىڭ قىممىتى بولۇش، جاپانىڭ نەتىجىسى بولۇش، جاپادىن روھنى بايقاش» دەپ يېزىلغان قىزىل لوزۇنكا مۇخبىرلارنىڭ كۆزىگە چېلىقتى. دەل مۇشۇنداق روھ ئەۋلادمۇئەۋلاد «ئېغىزنى ساقلىغۇچى»لارنى باشتىن- ئاخىر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلدى.

  سۆزلىشىش جەريانىدا مۇخبىرلار ئالدىنقى قاراۋۇل بەنىنىڭ نۇرغۇن تۆھپە ياراتقانلىقىنى ئىگىلىدى: 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۈنى، چېگرادىن كىرگەن بىر يۈك ئاپتوموبىلىدىن 13 مىڭ پارچىغا يېقىن ئىپار چاشقان تېرىسى، 3600 دانە بۆكەن مۈڭگۈزىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن؛ شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، يەنە بىر قېتىم چېگرادىن كىرگەن يۈك ئاپتوموبىلىدىن 4400 دانە بۆكەن مۈڭگۈزىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن؛ 2015- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 5300 دانە بۆكەن مۈڭگۈزى ۋە 25 مىڭ دانە بۇقا چىۋىقىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن، ئۈچ قېتىملىق دېلودىكى دېلوغا چېتىشلىق پۇل سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  ئالدىنقى قاراۋۇل بەنى «يىپەك يولىدىكى ئاۋانگارت، دۆلەت دەرۋازىسىدىكى ئۆتكۈر شەمشەر» دېگەن نامغا مۇناسىپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى