تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ھۈنەرۋەن روھى» بىلەن زاكازنى ئۈلگۈرتۈش

  مۇخبىرىمىز شى شىن

  چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بايرام كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىدىكىلەر يەنىلا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن زاكازنى ئۈلگۈرتۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  1- ئاينىڭ 26- كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىغا كېلىپ، پاكىز خىزمەت فورمىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قەۋەت ئاياغ قېپى كىيىپ، شامال پۈركۈش ئۆيىدىن ئۆتۈپ، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق باش قۇراشتۇرۇش سېخىغا كىردى. سېخنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇ ۋېنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچەشنىڭ مۇھىتقا بولغان تەلىپى ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ھېچقانداق چاڭ- توزان بولسا بولمايدۇ، زاۋۇت ئۆيىنى ھىم ئېتىش ۋە دالدىلاشتا ئالاھىدە لايىھە قوللىنىش، تۈرلۈك رادىياتسىيە، ئارىلاش دولقۇنلارنىڭ كاشىلىسىدىن ساقلىنىش ئارقىلىق، ئاچقۇچلۇق تەجرىبە سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  سېخنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، پەقەت ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، سىم چىقىرىش، قۇراشتۇرۇش، سىناش ساندۇقى... ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرى ئىنتايىن تەرتىپلىك ئىدى.

  «بۇ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى جياڭسۇ ئۆلكىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ 500 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور ئىشلەپچىقىرىش تۈرى بولۇپ، جەمئىي ئۈچى بار، 2018- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىش باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 2- ئاينىڭ ئاخىرى مال تاپشۇرۇلىدۇ». سۇ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: تۈردە ئىزولياتور زاپچىسى، كاتوچكا، تۆمۈر ماشىنا، زاپاس سىلىندىر، كېسىش ۋە ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەرتىپلەر تاماملىنىدۇ، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، شىركەت بۇنىڭ ئۈچۈن 100 نەچچە كىشىلىك ئەترەت تەشكىللەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈرسىگە تىزدى، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ھەتتا ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ سائەت بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىڭ تۇتۇپ ئۈلگۈرتۈپ ياسىلىدىغىنىدىن يەنە شاڭچيۇ ـــ خېفېي ـــ خاڭجوۋ تۆمۈريولى، مېڭخۇا تۆمۈريولىنىڭ بىر تۈركۈم تۆمۈريول سۆرىگۈچ تىرانسفورموتور تۈرى بار.

  «شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتى تۆمۈريول سۆرىگۈچ تىرانسفورموتورنى لايىھەلەش، ياساش ساھەسىدە دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ». سۇ ۋېنجۈن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: تۆمۈريول سۆرىگۈچ تىرانسفورموتورنىڭ ئەڭ چوڭ تېخنىكا قىيىنچىلىقى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ماس بولۇپ قېلىشقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، تىرانسفورموتورنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كاتوچكىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوراشنىڭ چىڭلىقىغا، يۇمىلاقلىقىغا، تۆمۈر ئۆزەكنى قاتلاپ تەييارلاش قاتارلىقلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ ناھايىتى يۇقىرى، خاتالىق پەرقى 0.5 مىللىمېتىر ئىچىدە بولۇشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا تىرانسفورموتوردا تۇيۇقسىز ماس بولۇپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، كاتوچكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، كاشىلا كۆرۈلۈپ، زىياننى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.

  «تىرانسفورموتورنىڭ كۆپلىگەن تەرتىپى پۈتۈنلەي قولدا ئىشلىنىدۇ. مەسىلەن، كونترول ئىزولياتسىيە ئارىلىقىنى كۆز بىلەن بايقىغىلى بولمايدۇ، جەزمەن لايىھەلەش، ھۈنەر- سەنئەت تەلىپىگە ئاساسەن، بىر تەرەپتىن ئوراپ، بىر تەرەپتىن مىكرومېتىر ئارقىلىق ئىزىلياتورنىڭ قېلىنلىقى ئۆلچىنىدۇ، ئېگىز بولۇپ قېلىشقىمۇ، پاكار بولۇپ قېلىشقىمۇ بولمايدۇ، بۇنىڭ جەريانى <قىزلارنىڭ گۈل كەشتىلىشى>گە ئوخشايدۇ»، دېدى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق باش قۇراشتۇرۇش سېخى سىم چىقىرىش بەنىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جېڭ يۈنفېي.

  جېڭ يۈنفېينىڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى، ئۇ تۇنجى 330 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتورنى سىناق تەرىقىسىدە ياساشتىن 1100 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورموتورنى ئىشلەپچىقىرىشقىچە، قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ، كارخانىنىڭ تېخنىكا تايانچىغا ئايلاندى. بۇنىڭدىكى سىرنى سورىغاندا، ئۇ: تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، ئۇزاققىچە كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەندۇق، دېدى.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2018- يىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يىللىق تىرانسفورموتور ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 260 مىليون كىلوۋولت - ئامپېرغا يېتىپ، دۇنيادا 1- ئورۇندا تۇردى.

  «گەرچە ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرساقمۇ، ئەمما كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشالىغانلىقىمىز، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق تۈرنى كاپالەتكە ئىگە قىلالىغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتى ناھايىتى تولۇپ تاشتى»، دېدى جېڭ يۈنفېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى