تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گاۋ پېڭ). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 31- كۈنى خەلق سارىيىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ باخ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنى پائال قوللىغانلىقى ھەم تەنتەربىيە ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئالقىشلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، نۆۋەتتە تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. بىز چوقۇم پائال تىرىشىپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك يېشىل، ھەمبەھرە، ئوچۇق، پاك بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نامايان قىلىمىز. رەئىس باخنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇمىي خەلق چېنىقىش ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە خەلقئارا تەنتەربىيە ھەمكارلىقىغا قاتنىشىش دەرىجىسى بىر دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىنىڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ساغلاملىق ساپاسى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆستى. جۇڭگو ئىلگىرىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشالماسلىقتىن، ھازىرقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ نۇرغۇن تۈرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگۈچىگە ئايلاندى، بۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت تەنھەرىكىتى ۋە دۆلەت كۈچى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئاشۇرۇش جۇڭگونىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەنمۇ ئۇيغۇنلىشىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش يەنە جۇڭگونىڭ تەنتەربىيەدە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، يېشىل مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تومۇرداش. تەنتەربىيە ئالاقىسى كۈنسېرى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانماقتا. جۇڭگو ھۆكۈمىتى روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىشكە قارىتا «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، مەن جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ماھارەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئالتۇن مېدال ئالمىسىمۇ، چوقۇم بىر ئولىمپىك روھىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى ئېلىشىنى، قانۇن- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالتۇن مېدالى ئېلىشىنى، پاكىز ئالتۇن مېدال ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. جۇڭگو قەتئىي ھالدا قار- مۇزغا ئوخشاش پاك، ساپ بىر نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ.

  باخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەن جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە پائال تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، مەيدان، ساراي قۇرۇلۇشىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مىراسلىرى بىلەن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىشلىق تەنھەرىكەتكە بولغان تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى كۆردۈم. جۇڭگو شىنخۇا ئاگېنتلىقى رەسمىي ھالدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىق ئاگېنتلىقىغا ئايلاندى، جۇڭگو مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پات ئارىدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قانىلى تەسىس قىلىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېگەن سۆزىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ئىشىنىمەنكى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىقى ۋە ئۆتكۈزۈلۈشى قىشلىق تەنھەرىكەتنىڭ جۇڭگودا ئومۇملىشىشى ۋە دۇنيادا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭكى بىلەن بىردەك. جۇڭگو تەرەپ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي ھەيئىتىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەمكارلىقى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەييارلىقىغا كۆرسەتكەن ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك خىزمىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن جۇڭگونىڭ بىر نۆۋەتلىك قالتىس قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا تامامەن ئىشىنىمەن.

  سۈن چۈنلەن، ياڭ جيېچى، سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.