تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ قاتار ئەمىرى تامىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1- ئاينىڭ 31- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ خۇا). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1- ئاينىڭ 31- كۈنى خەلق سارىيىدا قاتار ئەمىرى تامىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، باراۋەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان جۇڭگو-قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2014- يىلى، مەن ئەمىر ئالىيلىرى بىلەن بېيجىڭدا جۇڭگو-قاتار ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدۇق ھەم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن خۇشاللىق بىلەن شۇنى كۆردۈمكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، بۇ ئورتاق تونۇشلار ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي پايدا ئېلىپ كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ قاتار تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قاتار تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، قاتار تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، قاتار تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەت دەسلەپكى قەدەمدە نېفىت، تەبىئىي گاز ھەمكارلىقىنى ئاساسىي ئوق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا، پۇل مۇئامىلە ۋە سېلىنمىنى يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلغان ھەمكارلىق يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، سېلىنمىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىك پىكىر ئېقىمىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئالماشتۇرۇش، تەجرىبىلەردىن ھەمبەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە تاراتقۇلار ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشى، بولۇپمۇ 2022- يىلى ئايرىم- ئايرىم ھالدا جۇڭگو ۋە قاتاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىنى ئۆزئارا قوللىشى، ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رايون ھەمكارلىقى ۋە دېڭىز قولتۇقىنىڭ مۇقىملىقى شۇ رايوننىڭ گۈللىنىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. جۇڭگو تەرەپ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى ۋە ئەرەب رامكىسى ئىچىدە، سىياسىي دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى دۆلەتلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  تامىم ئالدى بىلەن شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىگە چىن كۆڭلىدىن يېڭى يىللىق سالام يوللىدى. تامىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتار بىلەن جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى تېز راۋاجلاندى. قاتار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئىشەنچكە تولغان، ئەڭ بۇرۇن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە، سېلىنما، پەن- تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قاتاردىكى ئىپادىسىنى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قاتارغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. قاتار تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان مەدەنىيەت، ساياھەت، خەۋەرچىلىك ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىدۇ. قاتار تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىشلار ھەمدە ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونى مەسىلىسىدىكى ئىجابىي مەيدانىغا ئاكتىپ باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقە، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىزمگە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىدا تامىم ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ياڭ جيېچى، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋاڭ يى، ياڭ چۈەنتاڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.