تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

چاچ قۇرۇتقۇچ ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى

  چاچنى يۇيۇپ بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن چاچ تەبىئىي قۇرۇپ قالىدۇ، ئەمما چاچ ۋە باش تېرىسىنى ئاسراش ئۈچۈن، چاچنى يۇيۇپ بولۇپلا دەرھال چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن قۇرۇتۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. نەم چاچ سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، چاچنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتى ئېچىلىدۇ ۋە ئاجىزلايدۇ. ئېچىلغان مۈڭگۈز قەۋىتى زەخمىلىنىپ، چاچ يېرىلىش ۋە چاچ قۇرغاقلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. چاچ نەم ھەم چاچنىڭ مۈڭگۈز قەۋىتى ئېچىلغان ھالەتتە چاچنى تېزدىن قۇرۇتۇش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، چاچنىڭ نەم بولۇشى باش تېرىسىگە زىيانلىق. باشنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە، قان ئايلىنىش ناچارلىشىپ، چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. چاچقا يېتەرلىك ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈش ئۈچۈن، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش كېرەك. شۇڭا، چاچنى يۇيۇپ بولۇپلا چاچ قۇرۇتقۇچ ئىشلەتسە ئەڭ مۇۋاپىق.

  «خەلق تورى» دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى