تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

يەكەن ناھىيەسىدىكى قىشلىق پەن-تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر نۇربىيە): بۇلتۇر قىش كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى قىشلىق بوش ۋاقىتتىكى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «قىشلىق پەن-تېخنىكا» يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنى ئەمەلىي پەن-تېخنىكا ئىگىلەپ، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى «قىشلىق پەن-تېخنىكا» يۈرۈشلۈك تەربىيەلەشنىڭ مۇددىتى ئۈچ ئاي بولۇپ، تەربىيەلەشتە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ناھىيە دەرىجىلىك دەرسخانىدا دەرس ئۆتۈش، ناھىيە دەرىجىلىك تېخنىك خادىملار يېزا-بازارلاردا دەرس ئۆتۈش، كەنت كادىرلىرى كەچلىك مەكتەپتە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، تېرىقچىلىق، باغ-ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلىملىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، پەن-تېخنىكا قوللانمىلىرىنى قوشۇمچە تارقىتىش ئارقىلىق، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈلۈپ، كېلەر يىلىدىكى تۈرلۈك كەسىپلەردە مەھسۇلات ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياخشى ئاساس سېلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى