تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

چاغاندا قومۇلدا مۇنداق ساياھەت قىلسىڭىز بولىدۇ

ساياھەتچىلەر قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى 1-ئاۋغۇست يولى تەنتەربىيە سارىيىدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانىدا ئوينىماقتا.

    تىيانشان تورى خەۋىرى (قومۇل گېزىتى مۇخبىرى ساۋ شىنجيا): بۈگۈن كۆپچىلىككە قومۇل شەھىرىدە سەيلە-ساياھەت قىلىشقا بولىدىغان ياخشى جايلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

    قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى 1-ئاۋغۇست يولى تەنتەربىيە سارىيىدىكى مۇز تېيىلىش مەيدانى چەكسىز خۇشاللىققا تولغان جاي بولۇپ، كانكى ئايىغى، چانا، مۇز ئۈستى ۋېلىسىپىتى، مۇز ئۈستى سوقما ماشىنىسى ۋە مۇز سېيرىلغۇچلارنىڭ ھەممىسى سىز ۋە بالىلىرىڭىزنى ئۈزلۈكسىز خۇشال قىلىدۇ؛ بۇ جاي بىلەن بىر تامدا ئايرىلىپ تۇرغان لەنخەي تەنتەربىيە باغچىسىدا كەچتە چىراغ نۇرلىرى جىلۋە قىلىدىغان بولۇپ، كەچتە چىراغ سەيلىسى قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ. شىگوبى قومۇل دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچىسىدىكى كۈن نۇرى پارنىكى ۋە قومۇل «داماۋ» يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قورۇسىدىكى گۈل-گىياھ پارنىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى ھېس قىلىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. پارنىك سىرتى قار-مۇز بىلەن قاپلانغان، سوغۇق شامال چىقىپ تۇرسىمۇ، پارنىك ئىچىدە يېشىللىق ئەكس ئەتكەن باھار مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ دەل قومۇل پارنىكىنىڭ جەلپكارلىقى، بۇ يەرگە كېلىپ قىش پەسلىدە يازنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ. سەنداۋلىڭدا پار پويىزى ئارقىلىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلىرىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. سەنداۋلىڭدا يەنە كۈچلۈك دەۋر ئالاھىدىلىكى ساقلىنىپ قالغان ئىمارەتلەرمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر يەنە ۋاقىت بولسا، باركۆل ناھىيەسى، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىگە بېرىپ چاغان ئۆتكۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ.

قىش پەسلىدىكى شىگوبى قومۇل دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچىسىدا تولۇپ تاشقان باھار مەنزىرىسى.

قومۇل بوغاز قۇملۇق مەنزىرىسى.

سەنداۋلىڭ پار پويىزى.

قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تىيانشان يېزىسى قاراقاپچىن قەدىمىي مەھەللىسى.

قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى غەربىي تاغ يېزىسىنىڭ قىش مەنزىرىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى