تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يولداش ماۋ دېخۇا ۋاپات بولدى

  شى جىنپىڭ يولداش ماۋ دېخۇانىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى

  چېن شى، چېن چۈەنگو تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك، 8-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يولداش ماۋ دېخۇا كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 21دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە 83 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يولداش ماۋ دېخۇانىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى. چېن شى تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يولداش ماۋ دېخۇانىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.

  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى رەھبىرىي يولداشلار، قىسمەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى.

  يولداش ماۋ دېخۇا 1935-يىلى 11-ئايدا جياڭسۇ تەيساڭدا تۇغۇلغان، 1957-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1956-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. 1953-يىلى 9-ئايدا نەنجىڭ داشۆسى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيە كەسپىدە ئوقۇغان، 1957-يىلى 9-ئايدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرى يۈخۇاتەي بەنچاۋ يېزىسىدا ئەمگەك بىلەن چېنىققان، 1958-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىگە كېلىپ خىزمەت قىلغان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئورنى، گېئولوگىيەلىك جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ كاتىپى، دالا تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولغان، 1970-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭ يەر تەۋرەش چوڭ ئەترىتى دالا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان، 1976-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ قاقاس يەر بايلىقىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى بولغان، 1979-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى بولغان، 1984-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1985-يىلى 12-ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1993-يىلى 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 2004-يىلى 6-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

  يولداش ماۋ دېخۇا سىياسىيدا قەتئىي بولۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان. ئۇ قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا بىرقەدەر يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولغان. ئۇزاق مەزگىل پەن تەتقىقات، باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىسى مول، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق رايونلىرىدا قاقاس يەر بايلىقى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان مەزگىلدە، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. رەھبەرلىك ئىش ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاۋۋالقىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى