تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى، مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى. مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇڭجىن قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، كۆزىتىش - تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندىن ئىلگىرى، مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگوغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يازمىچە يەتكۈزدى. يىغىندا، مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ رۇڭجۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسىگە كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى. چېن چۈەنگو قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 29- كۈنىگىچە، مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشنىڭ يەنە نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت خىزمەت ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى ھەم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى.

  ۋاڭ رۇڭجۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئاساسىي جەڭ مەيدانىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، كەڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. كۆزىتىشتە، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بەزى مەسىلىلەرنى بايقىدى ۋە كادىرلار، ئامما بەزى مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى، ئاساسلىقى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا يېتەرسىزلىك بار، مەركەزنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چەتنەش بار، كەسىپلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مېخانىزمى ئاجىز، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە يەنىلا يېتەرسىزلىك بار، شەرقىي، غەربىي رايونلار ھەمكارلىشىش ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش ئانچە يېتەرلىك ئەمەس، «ئۆلكە ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تا يەنىلا پەرق بار، ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا يېتەرسىزلىك بار، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس؛ نامراتلارنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەپ، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش يېتەرلىك ئەمەس، «قان بېرىش»كە ئەھمىيەت بېرىلىپ، «قان ئىشلەش»كە سەل قارالغان. كۈندىلىك نازارەت قىلىش جايىدا بولمىغان، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشتە ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى تۈزەش ئانچە كۈچلۈك ئەمەس؛ فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر تۈرلۈك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بايقىغان مەسىلىلەرنى تۈزىشى يەنىلا ئانچە جايىدا بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يەنە بەزى رەھبىرىي كادىرلار توغرىسىدا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بەلگىلىمە بويىچە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  ۋاڭ رۇڭجۈن يەتتە تۈرلۈك تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ مۇھىم ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ۋاسىتىسى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن مۇقىملىقنى قوغداشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. «ئۆلكە ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار نامراتلارنى يۆلەشنى تۇتۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نىشان - ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى تۈرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «قان ئىشلەش فۇنكسىيەسى»نى كۈچەيتىش كېرەك. نامرات ئاھالىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. بەشىنچى، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى يېڭىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»تىن چوڭقۇر پايدىلىنىپ، «ئۈچنى ئايرىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم قەتئىي ھالدا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى جازالاپ، تۈزەش، ھەم كادىرلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، تۈزىتىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنىڭ قايتا يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈزىتىشتە ساختىلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. يەتتىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنى كۈچلۈك سەپلەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى بايقاش، چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇڭجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن دۇنيا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش روھىي ھالىتى بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشى كېرەك. ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل رەتكە تۇرغۇزۇپ، نىشان - ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىتا كۈچلۈك تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يولغا قويۇپ، «مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي كاپالەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ۋاڭ خۇڭجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆزىتىش - تۈزىتىش «تۆت ئاڭ»نىڭ سىناق تېشى، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك خەلققە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، تۈزىتىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆز دەرىجىسىدىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزىتىشى كېرەك. پارتكوم شۇجىسى تۈزىتىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى، رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى خىزمەت تەقسىماتى بويىچە ئۆزى باشقۇرىدىغان ساھەدىكى تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەقىقىي ئۈنۈمنى قوغلىشىشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزىتىشنىڭ قاراتمىلىقى، كونكرېتلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەر بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ھەر تۈرلۈك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش تۈزىتىش، بىرتۇتاش ھەل قىلىش كېرەك؛ كۆزىتىش - تۈزىتىش بىلەن بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ھەم زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇپ، ھەم نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىش، بىلگەن ھامانلا تۈزىتىش، ھەقىقىي، ئەمەلىي تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىپ، تۈزىتىشنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات تارماقلىرى كۆزىتىش - تۈزىتىشنى كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش - تۈزىتىشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك؛ نازارەت قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئاددىيلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ تۈزىتىشى كۈچلۈك بولمىغانلار، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەنلەر، تۈزىتىشتە ساختىلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى قىلىپ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭنى نازارەت قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر قىلىپ، قەتئىي ھالدا تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەز 6-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، چوڭقۇر، ئورۇنلۇق، ئەجەللىك يەرگە دەل تەگكەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، قاراتمىلىققا، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، كۆزىتىشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تۈزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بەش دەرىجىلىك شۇجىلار تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، تۈزىتىش نىشانى، تۈزىتىش ۋاقىت چېكى، تۈزىتىش تەلىپى، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىمىغۇچە بولدى قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگۈچە بولدى قىلماسلىق، جايىدا تۈزەتمىگۈچە بولدى قىلماسلىق، ئامما رازى بولمىغۇچە بولدى قىلماسلىقنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىر مەسىلىنىڭ ھەممىسىنى ئاخىرغىچە تۇتۇش، ھەربىر پىكىر - تەكلىپنىڭ ھەممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسى، سېلىنما سىستېمىسى، ياردەم بېرىش - يۆلەش سىستېمىسى، ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك سىستېمىسى، تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تىپلار ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا شىنجاڭدىكى نامرات ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى ھەم ئالاقىدار يولداشلار، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئىشخانىلىرى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار ئىدارىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، تەشكىلات، كۆزىتىش قاتارلىق تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى ئالاقىدار خادىملار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.