شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر بەي يۈنفېڭ): يېقىندا، جامبۇلاققا تۇنجى قېتىم ساياھەتكە كەلگەن، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرىلىك ساياھەتچى ليۇ خەيياڭ مۇنداق دېدى: «جامبۇلاقنىڭ ھەممە يېرى كۈمۈشتەك قارغا پۈركىنىپ كېتىپتۇ، قار مەنزىرىسى ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن.»
يېڭى يىل مەزگىلىدە، گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق قار-مۇز بايرىمى رەسمىي باشلاندى، قار-مۇز بايرىمىدا قارلىق موتوسىكلىتى، قارلىق لەيلىمە ماشىنىسى، مۇز ئۈستى ۋېلىسىتى، قارلىق سوقۇلما شارچىسى، قارلىق سوقما توپى، قارلىق «بانان كېمە» سى، مۇز ئۈستى سوقما ماشىنىسى قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قارنى تاماشا قىلىش، قار ئويناشقا جەلپ قىلدى.
قىش پەسلىدىكى ساياھەتنىڭ داۋاملىق جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەييارلىق كۆرۈپ، ئۆزگىچە يەرلىك تائاملىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. خېنەندىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ شېڭرۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:« تاماقلار بەك ئوخشاپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىنىڭ ھاۋاسى ساپ، بەك راھەتكەن!».
بۇ يىل، گۇچۇڭ ناھىيەسى يېزا ساياھەتچىلىكى، مەدەنىيەت ساياھىتى، ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكى، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش ساياھىتى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ساياھەتلەرنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق سىڭىشىپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قىشلىق قار- مۇز ساياھىتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.
گۇچۇڭ ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يەنفېڭ مۇنداق دېدى:«بۇ يىل قىشتا، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ باشلامچىلىق ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا قار- مۇز ساياھىتى، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق كوزۇر تۈرلەرنى ياخشى قىلىپ، گۇچۇڭنىڭ قىشلىق ساياھەت كۈچلۈك ئېففىكتىنى شەكىللەندۈرىمىز.»
(مەختۇمە ئەخمەت تەرجىمىسى)