تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى| يېزا-كەنتلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئىختىساس ئىگىلىرى يېتىشىپ چىقتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش جەريانىدا يېزا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئەقلىي يۆلەك قىلدى، ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى، دېھقانلارنى بېيىش يولىغا باشلايدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى، يېزا ئىختىساسلىقلىرى ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا باشلايدىغان «سەركە»گە ئايلاندى.

  خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانلارنى جەلپكار كەسىپكارلارغا، يېزىلارنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا داغدام قەدەم ئېلىپ ئىلگىرىلىدى.

 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى، لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا يېزىسى توققۇزكالا كەنتىدىكى ھۆددىگەر مەمەتئابلا مەتتۇرسۇن(سولدىن ئۈچىنچى) ئىشچىلار بىلەن بىرلىكتە شىلەنخۇا پەرۋىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

   شىلەنخۇا ئۆستۈرۈش لوپ ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

  مەمەتئابلا مەتتۇرسۇن لوپ ناھىيەسى ھاڭگىيا يېزىسى توققۇزكالا كەنتىدىكى ھۆددىگەر، ئۇ 280 مو يەرنى ھۆددىگە ئالغان. 2017-يىلى يازدا، مەمەتئابلا بورتالا شەھىرىدىن كەلگەن بىر دېھقاننىڭ قوشنا كەنتتە يەر ھۆددىگە ئېلىپ شىلەنخۇا تېرىغانلىقىنى، بىراق، تېرىش ۋاقتى كېچىكىپ قالغانلىقتىن، شىلەنخۇالارنىڭ ئوبدان ئۆسەلمەي قالغانلىقىنى بىلدى. بۇ چاغدا ئۇ شىلەنخۇا تېرىقچىلىقىنىڭ دېھقانلارنى بېيىش يولىغا باشلايدىغان بىر كەسىپ ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم بىلگەندەك بولدى. «كېچىكىپ تېرىلغانلىقتىن ياخشى ئاينىيالمىغان بولسا، ئۇنداقتا، شىلەنخۇانى قانداق ۋاقىتتا تېرىيدۇ؟» دېگەندەك سوئاللار ئۇنى بۇ ھەقتە ئىزدىنىش يولىغا باشلىدى. ئۇ ماتېرىيال ئاختۇرۇش ئارقىلىق، خوتە شىلەنخۇا ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ پۇل چىقىرىپ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەن لياۋ شىچاۋنى تېخنىكا مەسلىھەتچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

  «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.» مەمەتئابلا جاپالىق تىرىشچانلىق ۋە ئىلمىي باشقۇرۇش ئارقىلىق 2018-يىلدا 120 مو يەردە شىلەنخۇانى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرىچە ھەر مو يەردىن 1.1 توننا ھوسۇل ئالدى. «لوپ ناھىيەسىدە شىلەنخۇا ئۆستۈرۈلدى!» بۇ خەۋەر تېزلا تارقىلىپ، شىلەنخۇا سېتىۋالغىلى كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

  كەنتتىكى نامرات ئاھالە روزىتوختى ياسىن: «مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش جەريانىدا كۈنىگە 100 يۈەن كىرىم قىلىشتىن سىرت، يەنە تېخنىكا ئۆگىنىۋالدىم»، دېدى. ھازىر، ئۇنىڭغا ئوخشاش 10 نەچچە نامرات ئاھالە بۇ يەردە دائىملىق ئىشلەيدۇ، شىلەنخۇا تېرىش مەزگىلىدە ئىشلەمچىلەرنىڭ سانى 100دىن ئېشىپ كېتىدۇ.

   مەمەتئابلانىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتىكى، شۇنداقلا قوشنا كەنتتىكى 50 نەچچە ئائىلە بەس-بەستە شىلەنخۇا ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، 2019-يىلى شىلەنخۇا ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1000 موغا يېتىشى مۆلچەرلەندى.

    كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرى زامانىۋى كارخانىلارغا ئايلاندى

  قاراقاش ناھىيەسى يېزا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشكە كۈچەپ، يېزا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى.

  2018-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاراقاش ناھىيەسى قاراقاش بازىرى ئاياغ ئاتباش كەنتىدىكى «مۇبارەك خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»نىڭ دوپپا تىكىش سېخىدا، 17 ئىشچى ھەر خىل دوپپىلارنى تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. كەنتتىكى ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن بىر نامرات ئاھالە: «بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا بىر يىل بولدى، ئۆيۈمگىمۇ يېقىن، ھەر ئايدا 1500 يۈەن مائاش ئالىمەن، دوپپا تىكىدىغان ئىش ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىۋالدىم» دېدى.

  شىركەت دىرېكتورى مەمەتئېلى ئەخمەتتوختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچ ئەۋلاد دوپپا تىكىش، دوپپا سېتىش بىلەن ئۆتكەنىدى. 2018-يىلى، ھۆكۈمەت ئۇلارنى 500 كۋادىرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت بىناسى بىلەن تەمىنلىدى ھەم بۇ يەرنى نامراتلارنى يۆلەش بازىسى قىلىپ بېكىتتى.

  مەمەتئېلى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: «ھازىر ئېيىغا 500دىن كۆپ دوپپا تىكىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، چوقۇم نامرات ئاھالىلەرنى بىرلىكتە باي بولۇشقا يېتەكلەپ، <نامراتلىق قالپىقى> نى چۆرۈپ تاشلىيالايمىز»، دېدى.

ئىمىنجان ئوبۇلقاسىم گىلەم توقۇمىچىلىرىدىن گىلەمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلىملىرىنى سورىماقتا.

   يۇرتداشلارنى تەڭ بېيىشقا يېتەكلەش

  خوتەن شەھىرى ئىختىساسلىقلارنى بايقاش، تەربىيەلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈردە ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، يەككە تىجارەتچىلەر، ئىشلەمچىلىك قىلىپ قايتىپ كەلگەنلەر، خەلق سەنئەتكارلىرى ئىچىدىن يېزا ئىختىساسلىقلىرىدىن مىڭدىن ئارتۇقنى تەربىيەلەپ، يېزا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى، يېزا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ باي بولۇش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە كۈچەيدى.

  ئىمىنجان ئوبۇلقاسىم 2001-يىلى بورتالا سىفەن مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ قوللىشىدا ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ئېلېكتر سايمانلىرىنى سېتىش بىلىملىرى ۋە تىجارەت يوللىرىنى ئۆگەندى. ئۇ ئۆگىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى سېتىش ئارقىلىق كىرىم قىلدى. 2011-يىلى، ئىمىنجان خوتەن «ئالەم» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق زاۋۇتلاردىن بىۋاسىتە مال كىرگۈزۈش شەكلىدە داڭلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللاندى. بۈگۈنكى كۈندە، شىركەتتە ئىشقا ئورۇنلاشقان نامرات ئاھالىلەر 168گە يەتتى.

   2014-يىلى، ئىمىنجان يۇرتىنىڭ قوي يۇڭى گىلىمىنى سېتىشتىن ياخشى كىرىم قىلىپ، ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى گىلەم سېتىش تور نۇقتىسىنى ماجا كەنتىگە «ئۇزارتتى» ۋە مەبلەغ چىقىرىپ تۆت ئىلغار گىلەم توقۇش ئۈسكۈنىسى سېتىۋالدى، تۇساللا يېزىسىدىكى 256 نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە ماجا كەنتىدىنلا ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 85ى بار ئىدى. 

  ئىمىنجان: «شىركىتىمىزنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشتى، شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىزگە كەنت ئاھالىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى، يەنە شىركەتنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئۈچۈن 50 مو يەر بەردى، مېنىڭ نامرات ئاھالىلەرنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتىم بار»، دېدى.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى