تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

جياۋزىنى بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرماي ھەم تېشىۋەتمەي پىشۇرۇش ئۇسۇلى

    تېز توڭلىتىلغان جياۋزىنى سوغۇق سۇدا پىشۇرۇش
    تېز توڭلىتىلغان جياۋزىنى قايناۋاتقان سۇدا پىشۇرساق ئاسان تىشىلىپ كېتىدۇ، قىيمىسىمۇ ئاسان پىشمايدۇ. سوغۇق سۇدا پىشۇرساق سۇ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، جۇۋاۋىنىڭ چۆپى بىلەن قىيمىسىنىڭ ئىسسىقلىقنى قوبۇل قىلىشى تەكشى بولىدۇ، چۆپى تېخىمۇ ياخشى پىشىدۇ.
    يېڭى تۈگكەن جياۋزىنى قايناق سۇدا پىشۇرۇش
    ئائىلىدە ئۆزىڭىز تۈگكەن جياۋزىنى قايناۋاتقان سۇدا پىشۇرۇڭ. سۇ قايناۋاتقاندا جياۋزىنى سېلىپ، ئارقىدىن چۈمۈچ بىلەن بىر يۆنىلىشتە يىنىك بىر نەچچە قېتىم ئىتتىرگەندە، جياۋزىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    جياۋزى پىشۇرغاندا قازان تۇۋىقىنى ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ؟
    ئەگەر جياۋزىنى سېلىپ بولۇپلا ئارقىدىن تۇۋاقنى ياپساق، سۇ ھورىدا جياۋزىنىڭ چۆپى يېرىلىپ كېتىدۇ.
    جياۋزىنى قازانغا سېلىپ قازان تۇۋىقىنى ياپماي بىر ھازا پىشۇرىمىز. جياۋزىنى چۆپى پىشقاندىن كېيىن، تۇۋاقنى يېپىپ داۋاملىق قاينىتىمىز. بۇنداق قىلغاندا قىيمىسىمۇ تولۇق پىشىدۇ.

  جياۋزىنى پىشۇرۇش جەريانىدا سۇ قوشۇش كېرەكمۇ؟
    تۇۋاقنى ئاچقاندا مۇۋاپىق مىقداردا سوغۇق سۇ قۇيۇش ئارقىلىق قايناۋاتقان سۇنىڭ تېشىپ چىقىشىنىڭ ياكى جياۋزىنى تىشىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. تۇۋاقنى ئېچىپ جياۋزى سۈيى ئىككى قېتىم تولۇق قايناپ چىققاندىن كېيىن جياۋزىنى سۈزۈپ ئالغاندا جياۋزىنىڭ تەمى ياخشى بولىدۇ.

    جياۋزى پىشۇرغاندا ئازراق خۇرۇچ قوشۇش
   تۇز: سۇ قاينىغاندىن كېين قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىپ، تۇز ئېرىگەندىن كېيىن جياۋزىنى سالساق، جياۋزى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ قالمايدۇ ھەم تىشىلىپ كەتمەيدۇ.
    ماي:سۇ قاينىغاندىن كېيىن قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ ئارقىدىن جياۋزىنى سالساق، جياۋزىنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت قوغداش پەردىسى ھاسىل بولۇپ، جياۋزى بىر-بىرىگە ئاسان چاپلىشىپ قالمايدۇ.
    سۇڭپىياز كۆكى: جياۋزى پىشۇرىدىغان سۇ قايناشتىن ئىلگىرى سۇغا سۇڭپىياز كۆكى سېلىپ سۇ قاينىغاندىن كېيىن جياۋزى سالساق، جياۋزى ئاسان تىشىلىپ كەتمەيدۇ ھەم بىر-بىرىگە چاپلىشىپ قالمايدۇ.

     قىيمىسىغا ئاساسەن پىشۇرۇش ۋاقتىنى بەلگىلەش
    كۆكتاتتا قىيما قىلىنغان جياۋزى گۆشتە قىيما قىلىنغان جياۋزىدىن تېز پىشىدۇ. مەسىلەن، جۈسەي تۇخۇم جياۋزىسىنىڭ تۇخۇمى ئەسلىدىنلا ئالدىن پىشۇرۇۋېلىنىدۇ، چۆپىمۇ نېپىز بولغاچقا، قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ كۈچلۈك ئوتتا بىر ئاز پىشۇرساقلا پشىىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : mutallip

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى