تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز 1045 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىدۇ

  مۇخبىرىمىز دۇڭ شياۋخەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ما لىياڭجى، چېڭ شۇلۇڭ خەۋىرى. يېقىندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى « دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى جەمئىيەتتىن قوبۇل قىلىش ئېلانى»نى ئېلان قىلدى، دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنى تۇنجى قېتىم جەمئىيەتتىن ئاشكارا قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي قوزغىتىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ قېتىم 1045 نەپەر (ھەممىسى ئەرلەر) ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى جەمئىيەتتىن ئاشكارا قوبۇل قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە: ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنىغا 700 نەپەر قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنىغا 345 نەپەر قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  تىزىملىتىش ۋاقتى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 24 تىن، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18گىچە بولۇپ، قوبۇل قىلىش توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، تىزىملاتقۇچىلار دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىش تور بېكىتى (http://xfyzl.119.gov.cn)گە تىزىملىتىپ كىرىپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىشنى توردا تىزىملىتىش سىستېمىسىدا تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، ھەمدە سىستېما كۆرسەتمىسى بويىچە تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى كىرگۈزۈپ، تەلەپ بويىچە ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارنى يوللىسا بولىدۇ.

  تەپسىلىي ئەھۋالنى دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش قوشۇنى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىش تور بېكىتى (http://xfyzl.119.gov.cn)دىن ئىگىلىسڭىز بولىدۇ. مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 4688142 -0991( ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتى)، 3612141 -0991(ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى).

  راھىلە ئازاد تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان چىراغ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بىر ئائىلە كىشىلىرى
  • شېخو كوچا ئويۇنى چاغاننى قىزىتىۋەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى