تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى|مېھىر – مۇھەببەتتىن شەكىللەنگەن ئىللىق ئېقىن

  مۇخبىرىمىز ئالىيە تۇرغۇن خەۋىرى، فوتوسى: باغىگۈل نېغمەت سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى جىمىسار بازىرى مەنچېڭ يولى مەھەللىسىنىڭ كادىرى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا بىرىنچى بولۇپ باغىگۈلنى ئېسىگە ئالىدۇ، ئۇ 2000-يىلىدىن ھازىرغىچە ئىگە چاقىسىز ياشانغان كىشى ۋە نامرات ئاھالە بولۇپ جەمئىي 11 كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەندىن سىرت يەنە، مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار 28 ئائىلىگە ياردەم قىلدى، ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ، ئۆز يېنىدىن جەمئىي 110 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، موھتاجلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

باغىگۈل بىلەن ئوۋرىن چىچىگې بىللە تاماق ئەتمەكتە.

  قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلە بىللە ئاممىۋى پاراۋانلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش

  «پولو، لەغمەن، توخۇ قوردىقى... باغىگۈل ئاچام بىزگە دائىم مۇشۇنداق ھەر خىل تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدۇ!» دېدى مەكتەپتىن قايتىپ ئۈستەلدىكى تاماقلارنى كۆرگەن ئوۋرىن چىچىگې خۇشال ھالدا. ئوۋرىن چىچىگې باغىگۈلنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ۋاڭ فىڭپىڭنىڭ قىزى بولۇپ، بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيتتى، ئىككى ئائىلە 2018-يىلى 4-ئايدا قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانىدى، ۋاڭ فىڭپىڭنىڭ ئائىلىسىدە قىزى ئىككىسىلا بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلىق ئىشچى بولغاچقا، مائاشىمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى. تۇغقانلاشقاندىن كېيىن باغىگۈل ۋاڭ فىڭپىڭغا خىزمەت تونۇشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ فىڭپىڭنىڭ ئايلىق مۇقىم كىرىمى 2500 يۈەن بولدى. باغىگۈلنىڭ كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قىزغىنلىقى ۋاڭ فىڭپىڭغا تەسىر قىلدى، ئىككەيلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، ۋاڭ فىڭپىڭ قىزى بىلەن بىللە باغىگۈلنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قوشۇلۇپ، مەھەللىدىكى نامرات ئائىلىلىكلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

  باغىگۈل باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى دادىسىدىن ئۆگەنگەنىدى. دادىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ ئېسىنى بىلىدىغان چاغلىرىدىلا دادىسىنىڭ مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، قورسىقىنى توقلاپ، دەرس تەكرارلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى، دادىسى باغىگۈل ۋە قېرىنداشلىرىغا كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش ھەققىدە تەربىيە قىلاتتى. ئۆتكەن 18 يىلدا، باغىگۈلنىڭ يولدىشىمۇ ئايلىق مائاشىنىڭ بىر قىسمىنى باغىگۈلنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئاجراتتى.، يولدىشىلا ئەمەس، ئاتا - ئانىسى، قېيىنئاتا - قېيىنئانىسىمۇ بۇ سەپكە قوشۇلدى. «قېيىن ئاتام، قېيىنئاپاملار ماڭا 17 مىڭ يۈەن بېرىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىڭ، دېگەنىدى» دېدى باغىگۈل كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا. باغىگۈل بالىلىرىغىمۇ كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش ھەققىدە كۆپ تەربىيە قىلاتتى. 10 ياشلىق ئوغلى ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارغا تاماق توشۇش ۋەزىپىسىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى، ئالتە ياشلىق قىزىمۇ ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نومۇر ئورۇنداپ، ئۇلارغا ئاز-تولا بولسىمۇ خۇشاللىق بېغىشلىدى.

باغىگۈل ليۇ گۇيخۇا ئانا بىلەن ئەھۋاللاشماقتا.

  مېھىر – مۇھەببەتتىن شەكىللەنگەن ئىللىق ئېقىن

  قىيىنچىلىقى بارلار، پىدائىيلار، ئىللىقلىق يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشى، ياردەملىشىشى، ھەمبەھىرلىنىشى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان باغىگۈل ئىشخانىسى 2017-يىلى 4-ئايدا رەسمىي قۇرۇلدى. باغىگۈل ئىشخانىسى جىمىسار ناھىيەسى مەنچېڭ يولى مەھەللە كومىتېتىغا جايلاشقان بولۇپ، 500دىن ئارتۇق پىدائىي مۇلازىمەت تۈرلىرى بويىچە داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، قانۇن تەشۋىق قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن خالىس ئەمگەكچىلەر قاتارلىق سەككىز قوشۇنغا بۆلۈنۈپ، بىرلىكە كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى. ھازىرغىچە، باغىگۈل ئىشخانىسى 700 قېتىم ياردەملىشىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 60 ئائىلىلىككە ياردەم قولىنى سۇندى، 21 نامرات ئوقۇغۇچىغا ماددىي ياردەم بەردى، 136 ياشانغان كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، 108 قېتىم قانۇن جەھەتتىكى ياردەم قىلدى، ھەر تۈرلۈك ياردەم ئىئانە سوممىسى 140 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

باغىگۈل يەن پېيشيا ئانىنىڭ تاللا بازىرىدا ئۇنىڭغا ياردەملەشمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى