تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«غەربىي چېگرادىكى بىرىنچى يېزا»دىكى ياش قوغدىغۇچىلار

  ــــ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى جىغىن چېگرا ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى توغرىسىدا

  مۇخبىرلىرىمىز يى شياۋجۈن، خې لىڭ خەۋىرى، فوتوسى

  1- ئاينىڭ 23- كۈنى، جىغىن چېگرا ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە چېگرا قوغدىغۇچىلار چېگرا رايوندا چارلىماقتا.

  1- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەنىدى. ئاسمان كۆپكۆك بولۇپ، زېمىن ئاق لىباسقا ئورالغانىدى، ئاھالىلەرنىڭ ئۆگزىلىرى قىزىل، تاملىرى سېرىق قاتار كەتكەن تۇرالغۇ ئۆيلىرى رەتلىك بولۇپ، يېزا جىمجىت ۋە خاتىرجەم كۆرۈنەتتى.

  بۇ يەر ۋەتىنىمىزدىكى «تاڭ قۇياشىنى ئەڭ كېيىن كۈتۈۋالىدىغان، كەچكى شەپەقنى ئەڭ كېيىن ئۇزىتىپ قويىدىغان» يېزا- بازار، شۇ سەۋەبتىن «غەربىي چېگرادىكى بىرىنچى يېزا» دەپ ئاتالغان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ئۇلۇغچات ناھىيەلىك چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى جىغىن چېگرا ساقچىخانىسى دەل مۇشۇ يەردە تۇرۇپ چېگرانى ساقلايدۇ.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، بىر ساقچى ئاپتوموبىلى ساقچىخانىدىن چىقتى، بىر نەچچە ياش خەلق ساقچىسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا باشلىدى، بۇ بىر كۈنلۈك ۋەزىپە دۆڭگۇرمۇ تاغ ئېغىزىغا بارىدىغان يولنى چارلاپ تەكشۈرۈش ئىدى.

  ئۇلارنى باشلاپ ماڭغان جاۋ فاڭفاڭنىڭ ئىستاژى ئەڭ ئۇزاق، 23 ياشلىق جاۋ فاڭفاڭنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىگە تۆت يىل بولدى؛ ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقان ياڭ ياڭ ئەڭ «كىچىك» بولۇپ، تېخى 21 ياشقا كىرمىگەنىدى، بىراق ئۇنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى ئەڭ پىشقان، ساقچى ئاپتوموبىلىدا چارلىغان كۆپىنچە ۋاقىتتا ئۇ «رولنى تۇتىدۇ»؛ ئارقا ئورۇندا ئولتۇرغان ئۈچەيلەن كەلگىنىگە ئەمدىلا بىر ئاي بولغان «يېڭىياچىلار»: 25 ياشلىق كۇڭ جىيۇڭ ۋە 23 ياشلىق جيا جىچى، لى جىچاۋ.

  نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قارا تېرەك كەنتىدە، 28 ياشلىق خەلق ساقچىسى بېكمەمەت ئايۇپ ئاتلىق چېگرا قوغداش ئەترىتىنى يېتەكلەپ، تەق بولۇپ تۇرغانىدى. ئاپتوموبىل بارالمايدىغان جايلارنى ئاتلىق ئەترەت چارلايتتى. ئات مىنىپ چوڭ بولغان بېكمەمەت تاغدا ئاتنى خۇددى تۈزلەڭلىكتىكىدەكلا چاپتۇراتتى، شۇڭا ئاتلىق ئەترەت چېگرانى چارلىغاندا كۆپىنچە ئۇ باشلامچىلىق قىلاتتى.

  تەۋەلىك رايوندا سىرت بىلەن تۇتىشىدىغان 22 تاغ ئېغىزى بار، بۇ ۋاقىتتا قار تاغ يولىنى توسۇۋالغاچقا، ئادەم ئاياغ باسالمايتتى. بۇ بىر كۈندە ئەھۋال ئىنتايىن مۇقىم بولدى.

  جىغىن يېزىسىنىڭ چېگرا يولىدا، ھەر كۈنى دېگۈدەك بۇلارغا ئوخشاش ياش ساقچىلارنىڭ چارلىغان ئىزى قالىدۇ. بۇ ساقچىخانا ئەڭ چەت، يىراقتا، ناھىيە بازىرىغا 116 كىلومېتىر كېلىدۇ؛ خادىملار ئەڭ ياش، ئوتتۇرىچە يېشى 30غا بارمايدۇ.

  37 ياشلىق ساقچىخانا باشلىقى ئامات غاپپارنىڭ يېشى ئەڭ چوڭ، ئۇ چۈشتىن بۇرۇن خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئالدىراش يېزىغا يىغىنغا ماڭدى. ساقچىخانىدا 35 ياشلىق مۇئاۋىن سىياسىي يېتەكچى ليۇ دېشيەن قوماندانلىق قىلىشقا قالدى، ئۇنىڭ بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 11 يىل بولدى.

  «ئازراق مېھىر- مۇھەببەت بولمىسا، بۇ چەت، يىراق يەردە تۇرغىلى بولمايدۇ». كۇڭ جىيۇڭ داشۆدىكى مەزگىلىدە قەلەمنى تاشلاپ، ئەلەمنى قولغا ئېلىپ، ئىككى يىل ئەسكەر بولغان، بۇلتۇر داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن جياڭشىدىن ئىمتىھان بېرىپ بۇ يەرگە كەلگەن.

  چارلاشنى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن جاۋ فاڭفاڭ ياڭ ياڭنى باشلاپ جىغىن يېزىسىنىڭ ساز كەنتىگە بېرىپ، بىر ئۆمۈر چېگرانى قوغدىغان «دۆڭگۇرمۇ ئانا» بۇرماقان مولدۇنى يوقلىدى. بۇرماقان موماي خېلى بۇرۇنلا پۈتۈن مەملىكەتتە داڭ چىقارغان نەمۇنىچى شەخس، ساقچىخانىدىكى ياش ساقچىلار دائىم بۇ يەرگە كېلىپ، موماينىڭ چېگرانى قوغداش ھېكايىسىنى ئاڭلايدۇ. موماينىڭ «تىنىقىملا بولىدىكەن چېگرانى ئاداققىچە قوغدايمەن» دېگەن قەسىمى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  بۇ ئىككى كۈندە، 28 ياشلىق ياۋ يۈچىڭ كۆپچىلىك ھەۋەس قىلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندى، خوتۇنى ئۇنى يوقلاپ كەلگەنىدى، ئۇ ساقچىخانىدىكى ئۆي- ئوچاقلىق بولغان بەشەيلەننىڭ بىرى سۈپىتىدە، مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىدىن ھۇزۇرلانسا بولاتتى. بىراق خوتۇنى ئۇنىڭ پايپېتەك بولۇپ يۈرگىنىگە بىر ياندا قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ كۈنى كەچتە، ساقچىخانا تورىغا مەسئۇل ياۋ يۈچىڭ ساز كەنتى ساقچى ئىشلىرى ئۆيىدىكى كومپيۇتېردىن چىققان كاشىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خوتۇنىنى خېلى ئۇزاققىچە يالغۇز قويدى.

  بۇ كۈنى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى چاغاننى مۇبارەكلەشنى سىنغا ئېلىشقا كەلدى. ئامات نۆۋەتچىلىك قىلمايدىغان خەلق ساقچىلىرىنى يېتەكلەپ غەربىي قىسىمدىكى چېگراغا يۈزلىنىپ، لەپىلدەپ تۇرغان دۆلەت بايرىقى ئاستىدا رەتلىك تىزىلدى، ئۇلارنىڭ باش كىيىمىدىكى ساقچى بەلگىسى قۇياش نۇرىدا ۋال- ۋۇل چاقناپ تۇراتتى. «تەۋەلىك رايوننىڭ تىنچلىقىنى قوغدايمىز، خەلقنىڭ بەختىنى قوغدايمىز...» ئارقا- ئارقىدىن كۆتۈرۈلگەن ياڭراق شوئار يىراقلارغا تارقىلىپ، ۋەتەننىڭ بۇ «غەربىي چېگراسىدىكى بىرىنچى يېزا» ئاسمىنىدا ياڭرىدى.

  پات ئارىدا كېلىدىغان چاغاندا دەم ئېلىش يەنە ئۈمىد- ئارزۇلا بولۇپ قالىدۇ، خالاس. بىراق جۇشقۇن، غەيرەتلىك، جاپاغا چىدايدىغان قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاماتنىڭ بىر تەرەپنىڭ تىنچلىقىنى قوغداشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى